دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنىرگىيە يولى − جۇڭگو-رۇسىيە شەرقى لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تاماملانغانلىقى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5111 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالدا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيخې شەھىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا شاڭخەيگە تۇتىشىدۇ. پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارنى 38 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلىگىلى، 130 مىليون شەھەر ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى جۇ جياڭ، جاڭ ۋېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى