توشقان زەدىكى روۋسۇڭرۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ھازىر، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 96 مىڭ مو يەردىكى توشقان زەدىكى كولاش مەزگىلىگە كىردى.
ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسىنىڭ گۇڭشياڭ كەنتى ئەتراپىدا 5000 مودىن ئارتۇق قۇملۇق بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئىلگىرى قۇم-بوراننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان، يەر ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىپ كەتكەنلىكتىن ئۈزۈم ھوسۇلى كېمىيىپ كەتكەنىدى. ئىدىقۇت رايونى 2014-يىلىدىن باشلاپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى قۇملۇق رايونلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، توشقان زەدىكى قاتارلىق قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. گۇڭشياڭ كەنتى سۆكسۆككە توشقان زەدىكى كىرىشتۈرۈپ تېرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، ئىلگىرىكى چۆللۈك بېيىشتىكى گۆھەر تۇپراققا ئايلاندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى