11-ئاينىڭ 15-كۈنى
چىرا ناھىيەسىنىڭ چىلان سودا بازىرىدا
ئۇچىسىغا «چىلان جىلىتكە» كىيگەن بىرنەچچە شىنجاڭلىق ھەدە
كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى
بۇ ھەدىلەر ئۇچىسىغا چىلاندىن ياسالغان جىلىتكە
كىيىۋالغان بولۇپ
رەڭگى ئوچۇق، دانىسى چوڭ، توق چىلانلار
ئۇلارنى تېخىمۇ خۇشال كەيپىياتقا چۆمدۈردى
تورداشلار بۇنداق ئۆزگىچە جىلىتكىنى كۆرۈپ
بەس-بەستە باھا بېرىشتى
ئىگىلىنىشىچە
بۇ قېتىمقى پائالىيەت «جۇڭگو قىزىلى . چىرا چىلىنى» يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى بولۇپ
ساپ، تەبىئىي، يېشىل، بۇلغانمىغان، ئەلا سۈپەتلىك چىلاننى نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق
شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى بەس-بەستە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا جەلپ قىلىپ
تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كوئېنلۇن تېغىدىن ئېقىپ چۈشكەن قار سۈيىدىن سۇغىرىلغان خاس چىلانلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى
بۇنىڭدىن باشقا
نەق مەيداندا ئەڭ چوڭ، ئەڭ تاتلىق چىلان يېتىشتۈرۈپ چىققان چىلان پادىشاھى تېرىقچىلىق ئائىلىسى
ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى
مۇشۇنداق ئەلا سۈپەتلىك چىلانلارنى كۆرۈپ
سىزمۇ قىزىقىپ قالدىڭىزمۇ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى