ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ يىلىتې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 69غا قارشى 89 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك CBA كۇلۇب لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىش بىلەن بىللە، يەنە گۇرۇپپىدا 1-بولۇشتەك نەتىجە بىلەن، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.
CBA كۇلۇب لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقە بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى كۆزنەك مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، تۆت گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىلار كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىدۇ. 2-باسقۇچلۇق مۇسابىقە 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىپ، يەككە مەيدان شاللاش مۇسابىقە تۈزۈمى قوللىنىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي چېمپىيون بارلىققا كېلىدۇ.
2024-2025-يىللىق مۇسابىقە پەسلى CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 2-باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا شېنجېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەزىمەت بىلەن ئېلفۇراتنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا قالتىس بولدى. سۈرەت CBA باشقۇرغۇچى تور بېكىتىدىن ئېلىندى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى