تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايىنغولىن ئوبلاستىدا «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» باشلاندى

    مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2024−2025-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ كورلا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى قارا يۇلغۇن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، قالتىس ئۇسسۇل نومۇرلىرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) ھەيۋەتلىك دۇمباق ئويۇنى، ياڭراق سۇناي مۇزىكىسى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى ... 11- ئاينىڭ 16- كۈنى، 2024 − 2025- يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ كورلا شەھىرى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى قارا يۇلغۇن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، قالتىس ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

    شۇ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن 2024−2025-يىللىق بايىنغولىن ئوبلاستى «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرىدۇ. 

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ باشلىنىش نەق مەيدانىدا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، قالتىس داقا-دۇمباق نومۇرلىرى نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، سۇناينىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ياڭرىدى.

 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى-«ساۋۇردىڭ» ئۇسسۇلى باشلىنىش مۇراسىمىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.