ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى، تيەنجىن، يۈننەن، شاڭخەي، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى كۇلۇبلىرى، ئاپتوموبىل 4S دۇكانلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يەككە تىجارەتچىلىرى قاتارلىق كەسىپلەردىن كەلگەن 40 نەچچە كۇرسانت بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشتى.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى نەق مەيدانى.
بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دەرس مەزمۇنى مول، يۇقىرى سەۋىيەلىك لېكتورلار دەرس ئۆتىدۇ، ئىككى كۈنلۈك نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھانى ئارقىلىق، كۇرسانتلار جۇڭگو ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى بىرلىكتە تارقاتقان ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىدۇ.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى نەق مەيدانى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى