تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە رەسمىي قىش كىردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خې يەنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ) كۈزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق، ئۈرۈمچىدە ئاخىر قىش كىردى!

   11-ئاينىڭ 14-كۈنى، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىپ، ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى ھەمدە ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان سوغۇق ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۈرۈمچىنىڭ رەسمىي قىش پەسلىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايى ئەھۋالى. سۈرەت \ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

   مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا باشتىن-ئاخىر 1 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن7 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان. 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدە ئۇدا بەش كۈن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان. 

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 4.7 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 7.1 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قار يېغىپ، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئالدىن مەلۇمات سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 1 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.

   بۇ يەنە، شىنجاڭنىڭ قىش كىرىش ئۆلچىمى بويىچە، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە رەسمىي قىش كىرگەنلىكىدىن، ئادەتتىكى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە قىش كىرىش ۋاقتىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈشەن شىمالىي يولى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.