ۋاڭ مېڭ «ئىلىدا»:
ئىلى مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ
«بۇ كىتابنى ئىلىدىكى، شىنجاڭدىكى يۇرتداشلارغا تەقدىم قىلىمەن، سېنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن ئىككىنچى يۇرتۇم − ئىلى!» يېقىندا، «ئىلىدا» ناملىق يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى، «خەلق سەنئەتكارى» ۋاڭ مېڭ شىنجاڭدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ، شىنجاڭنى يېزىش مەن ئۈچۈن بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببەت، دەپ ئۇدۇللا ئېيتتى.
1953 ـ يىلى «ياشىسۇن ياشلىق» ناملىق ئەسەرنى ئىجاد قىلغاندىن باشلاپ، ۋاڭ مېڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 20 مىليون خەتتىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى، بۇلار 30 نەچچە خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىندى. يېقىندا، 70 يىلدىن بۇيان يېزىقچىلىقنى توختىتىپ قويمىغان ۋاڭ مېڭ 90 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، ياشىنىپ قالغان ۋاڭ مېڭنىڭ ھېلىھەم ئىجادىيەت كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. يېقىندا، مۇخبىر «ئىلىدا» ناملىق كىتابنى نەشر قىلغۇچى تەرەپ − يازغۇچىلار نەشرىياتى ئارقىلىق بۇ كىتابنى يېزىشنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئەدەبىيات ئارقىلىق دەۋرنى پۈتۈشنىڭ بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھ بولدى.
ئىلىدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى خاتىرىلەش
1965 ـ يىلى، ۋاڭ مېڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرىغا كەلدى. ئۇ دېھقان قېرىنداشلار بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە مەشرەپ ئوينىدى... بۇ ئالتە يىللىق كەچۈرمىش ئۇنىڭ كېيىن «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىدىكى قىممەتلىك مەنبە بولۇپ قالدى. 1983 ـ يىلىدىن 1984 ـ يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە يېزىلغان «ئىلىدا» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەردە دەل ئۇنىڭ بۇ بۆلەك كەچۈرمىشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
يازغۇچىلار نەشرىياتىنىڭ نەشرىيات باشلىقى باۋ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئىلىدا» ناملىق كىتابنى 1984 ـ يىلى 8 ـ ئايدا يازغۇچىلار نەشرىياتى تۇنجى قېتىم توپلام قىلىپ نەشر قىلغان. بۇ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان «ئىلىدا» ناملىق كىتابتا، قايتىدىن تەھرىرلەش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىدا، كېيىنكى نەشرىدە ئىشلىتىلمىگەن كىرىش سۆز ئورنىدىكى «يۇرت سەپىرى − باياندايغا قايتىش» دېگەن ماقالە ئالاھىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ ماقالىدە ۋاڭ مېڭنىڭ 1981 ـ يىلى شىنجاڭغا يەنە قايتىپ كەلگەن چاغدىكى ھېكايىسى يېزىلغان. شىنجاڭدىن ئايرىلىپ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ باياندايغا قايتىپ كېلىپ، تونۇش دېھقان قېرىنداشلارنى كۆردى، ئۇلار قۇچاقلىشىپ، كۆز يېشى قىلىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، يېڭىلا ئۈزگەن مېۋىلەرنى تېتىپ، بىر ـ بىرىگە ئايرىلىش ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلدى. ۋاڭ مېڭ بۇ مۇنبەت تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى قەلىمى ئارقىلىق ئىپادىلىدى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭنى تونۇشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى.
ۋاڭ مېڭ خاتىمىدە مۇنداق يازغان: «ئىلىدا» ناملىق كىتابقا ئۇزۇن ـ قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان سەككىز پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلىدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغان، باشتىن كەچۈرگەن ئادەم ۋە ئىشلار خاتىرىلەنگەن. «بۈركۈت جىلغىسى» ناملىق يەنە بىر ھېكايىدە گەرچە يازغىنىم ئىلىدىكى تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىم بولمىسىمۇ، يېزىش ئۇسلۇبى، ۋەقەلىك، ھېسسىيات يۇقىرىقى سەككىز پارچە ھېكايە بىلەن بىردەك بولغاچقا، بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلدى.
«1965 ـ يىلىدىن 1971 ـ يىلىغىچە ئىلىدا ئالتە يىل ياشىدىم، ئېھتىمال بۇنىڭ ھازىرغىچە بولغان كەچۈرمىشىمدە ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ بىر بۆلەك كەچۈرمىشىم ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز، ئاجايىپ، قىممەتلىك.» ۋاڭ مېڭ مۇنداق يازغانىدى: ئىلىدىكى تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئاشۇ ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىپ ھەم ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئىلىدىكى يۇرتداشلار، دوستلارغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر پاراڭلىشىدىغان مەڭگۈلۈك تېمىغا ئايلىناي دەپ قالدى. مەيلى قانداق ۋاقىتتا پاراڭلىشايلى، ھەر ۋاقىت شۇنداق خۇشال بولۇپ، قاتتىق ھاياجانلىنىمىز، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ سۇسلىشىپ قالماي، بەلكى ۋاقىت قانچە ئۇزارغانسېرى، بوشلۇق قانچە يىراقلاشقانسېرى، ئۇ چاغدىكى تۇرمۇش ئەكسىچە بارغانسېرى گەۋدىلىك ۋە تەسىرلىك، جەلپكار تۇيۇلىدىغان بولدى.
كېيىن، ۋاڭ مېڭ ئىلىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلگىرى تەر تۆككەن بۇ تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلدى، بۇرۇن تۇرغان بۇ جاينىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرىدىن ئۇ خۇشال بولدى، «مەن ئابدۇراخمان تاغام، خەلچىخان ئاپاملار بىلەن تۇرغان كىچىك كېسەك ئۆي چېقىۋېتىلىپتۇ، ھازىر ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر يول ئىكەن. تۈپتۈز يول ۋە ئېرىقلار، رەتلىك، بۆلەك ـ بۆلەك يېڭى ئاھالىلەر نۇقتىلىرى تەرتىپلىك ۋە رەتلىك بولۇپ، قولايلىق، چىرايلىق ئىكەن. باياندايدىكى دېھقان قېرىنداشلار خاتىرجەم، ئازادە ياشاۋېتىپتۇ، بېيىپتۇ.» خاتىمىدە، ۋاڭ مېڭ قەلەم تەۋرىتىپ مۇنداق يازغان: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىيانشان تېغىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاش پارلاق ھەم جۇشقۇن.
شىنجاڭ خەلقىنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر ـ شەپقىتى ئالەمچە چەكسىز
بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ھەم 2024 ـ يىللىق شىنجاڭ كىتاب كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ۋاڭ مېڭ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى.
مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋاڭ مېڭنىڭ تەپەككۇرى يەنىلا ئۆتكۈر بولۇپ، بىلىم ئېلىش ئىستىكى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا، بىر خىل جانلىق ھاياتىي كۈچ مەۋج ئۇرۇپ «ياشلىق قېرىماس» دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى جانلىق ئىزاھلاپ تۇراتتى.
ۋاڭ مېڭ بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدا ئۇزاققا سوزۇلغان قويۇق رىشتە باغلانغان.
1963 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋاڭ مېڭ بېيجىڭ بىلەن خوشلىشىپ، ئائىلە بويىچە شىنجاڭغا كەلدى. گەرچە يۈزلىنىدىغىنى نۇرغۇن ناتونۇش نەرسىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى: كەڭ، ھەيۋەتلىك، مۇتلەق ئوخشىمايدىغان بىر جايغا كېلەتتى.
شىنجاڭدىكى 16 يىلدا، ۋاڭ مېڭ ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇھەررىر بولدى، كېيىن يەنە يېزىغا بېرىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە كەتمەن چېپىپ، گەمە كولاپ، قوللىرى قاپىرىپ كەتتى؛ ئوچاق بېشىدا ئولتۇرۇپ، ساپسېرىق زاغرا ناننى ئوشتۇپ، ئەتكەنچايغا چىلاشنى ئۆگەندى... ئاشۇ ئەڭ قىيىن پەيتلەردە، باياندايدىكى يۇرتداشلار ئۇنىڭ سىردىشىغا ئايلاندى. ۋاڭ مېڭ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنەتتىكى: يازغۇچى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن «مۇھەببەتلىشىش»ى كېرەك ئىدى.
«سىرداش، قەلبداش» بولۇپ، ئۇ خۇددى بىر پارچە بۇلۇتتەك شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش شىرنىسىنى قانغۇچە سۈمۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كىتابىدىن ئوقۇرمەنلەر كىشىنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرىدىغان مەمەت ئەمەت، ئاچ كۆز ئىسمەر، پاراسەتلىك مۆمىن تاغا، قىزغىن، سەمىمىي ھەمراقىز قاتارلىق كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان پېرسوناژلار ئوبرازىنى كۆردى.
1979 ـ يىلى، ۋاڭ مېڭ قىيالمىغان ھالدا شىنجاڭدىن ئايرىلدى، ھەر مىللەتتىن بولغان 30 نەچچە دوستى ۋوگزالغا بېرىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندا، ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇ ئەينى چاغدا يەنە پات ـ پات كېلىپ تۇرىدىغانلىقىغا، بۇنىڭ ئۆمۈرلۈك رىشتە، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مۇھەببەت ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەتتى.
ۋاڭ مېڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇشقۇن ھالەتتە يەنە بىر قېتىم ئەدەبىيات ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدىكى رەڭدار، مول تۇرمۇش ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئاكتىپ، ئۈمىدۋار، يۇمۇرىستىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھاياتلىق ئاساسىي رېڭىگە يۇغۇرۇلغانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مول، رەڭدار ئەدەبىي ئىجادىيەت بايلىقىغا ئايلانغانىدى.
2015 ـ يىلى، ۋاڭ مېڭ ئىجاد قىلغان «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى» ناملىق ئەسەر 9 ـ نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىر ئوبزورچى مۇنداق دېگەن: بۇ كىتاب 20 ـ ئەسىرنىڭ 60 ـ يىللىرىدىكى ئىلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدىغان «چىڭمىڭدىكى دەريا سەيلىسى». كىتابتا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنىلا ئەمەس، يەنە چوڭى كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم ـ يېتىمدىن، كىچىكى ناننى قانداق يېقىش، پولۇنى قانداق ئېتىشكىچە، شۇنداقلا ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، گۈزەللىكى، سەمىمىيلىكى، قىزغىنلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مىللەت ھالقىغان دوستلۇق خۇددى باھار يامغۇرىغا ئوخشاش يازغۇچىنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغارغانىدى.
ۋاڭ مېڭ دائىم شىنجاڭ خەلقىنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر ـ شەپقىتى ئالەمچە چەكسىز، دەيدۇ. ئىلگىرى ئۇ نۇرغۇن سورۇندا مۇنداق بىر ھېكايىنى تىلغا ئالغانىدى: 1971 ـ يىلى، خىزمىتى يۆتكىلىش سەۋەبىدىن، ۋاڭ مېڭ باياندايدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان، ئايرىلىدىغان چاغدا، ھاشىم يۈسۈپ ئىسىملىك پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، «ئەندىشە قىلماڭ. خاتىرجەم، يۈرەكلىك ھالدا بېرىڭ! ئەگەر ئۇلار سىزگە موھتاج بولمىسا، بىز سىزگە موھتاج. ئەگەر ئۇلار سىزنى چۈشەنمىسە بىز سىزنى چۈشىنىمىز. سىز پۈتۈن ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئېلىپ ھەر ۋاقىت قايتىپ كەلسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇ يەردە سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ تۇرىمەن» دېگەنىدى.
ئايرىلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ مېڭ شىنجاڭغا 40 قېتىمغا يېقىن كەلدى، بۇنىڭدىن ئۇ شىنجاڭنىڭ يىراقلىشىپ كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى يازغان ئەسەرلىرى ۋە شىنجاڭدىكى 16 يىللىق ھاياتىغا قايتا نەزەر سالغىنىدا، ئۇ كۆپ قېتىم ھاياجان بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ئېغىر كۈنگە قالغان ئاشۇ يىللاردىمۇ تۇرمۇشىمىز يەنىلا شۇنداق قۇدرەتلىك، مول، ئۈمىدكە تولغان ۋە جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئىختىيارسىز ھالدا، بەك مەمنۇن بولدۇم، تۇرمۇش! خەلق ئارىسىغا بارايلى، كەڭ ھەم يىمىرىلمەس جايلارغا بارايلى! دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىدۇ».
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق دەلىلى
بەزىلەر مۇنداق دېدى: «ئىلىدا» ناملىق بۇ ئەسەر ئارىدىن 40 يىل ئۆتۈپ قايتا نەشر قىلىنغان بولسىمۇ كۈچى ئاجىزلىشىپ قالمىدى، سەۋەبى شۇكى، بۇ ئەسەر يازغۇچىنىڭ بىر جايدىكى تۇپراق ۋە خەلققە بولغان چىن ھېسسىياتى، ئەدەبىيات ئارقىلىق يۇرتىغا ياردەم بېرىش يولىدىكى بىر قېتىملىق چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن يېزىلغان.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋۇ يىچىن مۇنداق باھا بەردى: «ئىلىدا» ناملىق ئەسەرنىڭ بەدىئىي جەلپكارلىقى تۇرمۇش ۋە خەلقتىن كەلگەن، كىتابتىكى ھەر خىل جانلىق، خاسلىققا ئىگە پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ ھەممىسى ئاپتور خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزگىچە بەدىئىي تەپەككۇرى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئارقىلىق ياراتقان تىپلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىپادىلەنگەن ئىشچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، قەتئىيلىك، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدۋارلىقى ۋە قىزغىنلىقى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوقۇرمەنلەرنى ھاياتلىقنىڭ چىن مەنىسى، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاشقا رىغبەتلەندۈردى.
«بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇكى، سىز پەقەت ئەدەبىي نەزەر بىلەن دۇنياغا قارىسىڭىز، ئەدەبىي ھېسسىيات بىلەن دۇنيانى يازسىڭىزلا، بارلىق كەچۈرمىشىڭىز ئەمەلىيەتتە بايلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىلى ياكى پۈتكۈل شىنجاڭ ۋاڭ مېڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا دەل شۇنداق ئىدى.» جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يەن جىڭمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىلىدا» ناملىق ئەسەر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق دەلىلى، ئەسەردە گەرچە ئۆتكەن يىللار يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرىگە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
يازغۇچىلار نەشرىياتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ۋاڭ مېڭنىڭ «كانادادىكى ئاي» «سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەرسىيە» «كۆك تۈلكە» «كۈلگەن شامال» «ئىلگىرىكى تۇنجى مۇھەببەت» قاتارلىق 20 نەچچە پارچە ئەسىرىنى نەشر قىلدى، «ئىلىدا» دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. «دۆلىتىمىز ئىنتايىن مول ئەدەبىيات بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، كۆپ مىللەت تىلىدىكى ئەدەبىيات مول مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن. تېخىمۇ كۆپ يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى باۋ جيەن.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، ۋاڭ مېڭ، ليۇ لياڭچېڭ، لى جۈەن قاتارلىق يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى قولىدىكى قەلەمنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ تومۇر سوقۇشى، يۈرەك سوقۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن يېزىپ، خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، خەلققە بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، مۇنەۋۋەر تېمىلاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات گۈلزارلىقىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەدەبىيات كۈچىنى قوشتى.
ۋاڭ مېڭ «ئىلىدا» ناملىق يېڭى كىتابىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى ھەمبەھرىلىدى: «بۇ ھېكايىلەرنى يېزىش جەريانىدا، مەن بىزنىڭ مىللەت ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، قىممەت ئورتاق گەۋدىسى، تارىخ ئورتاق گەۋدىسى، مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىمىزنى، تۇرمۇش ئورتاق گەۋدىسى، شۇنداقلا ئەدەبىيات ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم... <ئىلىدا> ناملىق ئەسەرنىڭ 40 يىلدىن كېيىن قايتا نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇ خىل ئورتاق گەۋدە ھېسسىياتى بولۇشى مۇمكىن».