تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى %90كە يەتتى

ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ھاۋا سۈپىتى رەت تەرتىپىدىكى ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىدە «بىر ئۆرلەش، ئىككى تۆۋەنلەش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %90كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى بىردەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن.

ئالدىنقى ئون ئايدا، «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونى بۇلتۇر «بىر ئۆرلەش، ئىككى تۆۋەنلەش» يىللىق نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئاساسىدا، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى، ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، PM2.5 بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆتتىن بىر قىسىمغا يېقىن تۆۋەنلىدى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60كە يېقىن ئازايدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، سانجى شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 339 شەھەر رەت تەرتىپىدىكى ئورنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 53 ـ، 45 ـ، 45 ـ ۋە 40 ـ ئورۇنغا ئۆرلىدى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 1 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە بولغان مەملىكەت بويىچە 168 نۇقتىلىق شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى بىرقەدەر ياخشى ۋە PM2.5نىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى بىرقەدەر ياخشى بولغان شەھەرلەر رەت تەرتىپىدە بىردەك 2 ـ ئورۇنغا ئۆتتى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، «كۈيتۈن − مايتاغ − ئۈرۈمچى» رايونى، ئىلى دەريا ۋادىسى رايونىدا ھاۋا ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى بىردەك ئۆرلىدى؛ PM2.5 بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم تۆۋەنلىدى؛ ئىلى دەريا ۋادىسى رايونىدا ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايى كۆرۈلمىدى.

11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى تيېچاڭگوۋ بازىرى داساۋتەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تيې چيۇشياڭ ناشتا قىلىپ بولۇپ، قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، دوستلىرى بىلەن بىللە ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئوينىدى. «ئاسمان كۆپكۆك، ھاۋامۇ ياخشى، قۇياش نۇرىدا كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم. ھازىر مەن دائىم سىرتقا چىقىپ ئاپتاپ سۇنىمەن، ھەرىكەت قىلىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەنبەدىن تۈزەش ۋە بىردەك، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى.

2023 ـ يىلى، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدىكى 135 نۇقتىلىق كارخانا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» قوللاندى، بۇ يىل يەنە تۆت تۈرلۈك بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى 50 توننىدىن ئاشىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن 39 كارخانا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» قوللاندى.

شىنجاڭ جۇڭنېڭ ۋەنيۈەن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىسى بولۇپ، ئاساسلىقى بىرىكمە ئاممىياك، ئورىيا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ شىركەت «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» لايىھەسىگە ئاساسەن، پار قازاندىن چىقىدىغان ئىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويدى. شىركەت مۇھىت قوغداش سۈپىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ماۋجۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز بۇ يىل يېڭىدىن قۇرغان ئاممىياك ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش مۇنارى ۋە يۈرۈشلۈك سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن ئاممىياك قويۇپ بېرىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن قويۇپ بېرىش مىقدارى ئاساسىدا، دەرىجىدىن تاشقىرى پاكىز قويۇپ بېرىش نىشانىغا يېتەلەيمىز».

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 65 توننىدىن تۆۋەن كۆمۈر قالايدىغان پار قازانلارنى شاللىۋېتىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى ئالدى بىلەن يولغا قويدى، بۇ يىل 65 توننىدىن تۆۋەن كۆمۈر قالايدىغان پار قازاندىن 133ى يېڭىدىن شاللىۋېتىلىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» رايونىدا تارقاق كۆمۈر قالاش ئەھۋالى ئاساسەن تۈگىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.