تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېمەكلىك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇشقا دائىر مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

    كېلەر يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

   مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ئىگىلىشىچە، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى) يېقىندا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى GB 44917- 2024 «يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇش تازىلىق تەلىپى»نى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. ئۆلچەمدە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇش ئاتالغۇسى بېكىتىلىپ، پارچە قاچىلاپ توشۇش تۇڭىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ، تازىلىق، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش، توشۇش مەشغۇلاتى، خاتىرىلەش قاتارلىق تازىلىق تەلەپلىرى بەلگىلەنگەن.

   يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇشقا مەخسۇس يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان تۇڭنى ئىشلىتىش كېرەك، تۇڭنىڭ سىرتىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا «مەخسۇس يېمەكلىك يېغىغا ئىشلىتىلىدۇ» ياكى «مەخسۇس يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن خەت ئېنىق يېزىلىشى، تۇڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتى پاكىز بولۇشى كېرەك. يېمەكلىكتىن باشقا نەرسە توشۇلىدىغان تۇڭلاردا يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇماسلىق كېرەك. يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يۈك ساندۇق سۇيۇقلۇق خالتىسى بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تۇڭ بولۇپ، تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. توشۇلىدىغان تۇڭلاردىن ماينىڭ تېمىپ كەتمەسلىكىگە، ئېقىپ كەتمەسلىكىگە، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ بۇلغىنىپ كەتمەسلىكىگە ھەم بېسىش- چۈشۈرۈش ھەم توشۇشقا قولايلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن تۇڭ ئىچىدىكى قالدۇق نەرسىلەرنى پاكىز تازىلاش ھەم تۇڭنى پاكىز سۈرتۈش كېرەك.

   مەلۇم بىر تۈردىكى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇغاندىن كېيىن، يەنە بىر تۈردىكى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇماقچى بولغاندا.

   تۆۋەن دەرىجىلىك يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇغاندىن كېيىن، يەنە ئوخشاش تۈردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇماقچى بولغاندا.

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى قاچىلاش، توشۇش، چۈشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنى خاتىرىلەش كېرەك. خاتىرىلەنگەن مەزمۇن مۇكەممەل، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك بولۇشى، سۈپەتنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ساقلاش مۇددىتى توشۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لى جىڭجىڭ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.