مەنبە: ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى قۇم كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارېن يېزىسى قۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قۇم كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە 365 يۈرۈش يېپيېڭى مەكتەپ فورمىسى ئىئانە قىلدى.
ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، پىيونېرلار ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشقان ئالاقىدار خادىملارغا قىزىل گالاستۇك تاقىدى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ خۇڭبى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىنىڭ قۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى تارقىتىپ بەردى. يېپيېڭى مەكتەپ فورمىسىنى كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
ۋاڭ خۇڭبى ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا ئىلھام بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەكتەپ فورمىسى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ساۋاقداشلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئىنتىلىشىنى قوزغاش ئۈچۈندۇر. ساۋاقداشلارنىڭ يېڭى مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، جاسارەت ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئۆز ئىقتىدارى بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«بىزنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمىز بۇ قېتىم مەكتەپكە 365 يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى ئىئانە قىلدۇق، ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىدىن قۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى ۋاڭ شىڭپىڭ.
(ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ گورۇڭ)