تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

توردا مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى + تور سىرتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش

  مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلارنى 180 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش مۆلچەرلەندى

  يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، «24365 مەكتەپلەردە تەكلىپلىك قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى» مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ 2025- يىللىق قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان سۇپا بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مائارىپ ساھەسىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  توردا مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 11- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسىغا تايىنىپ، «مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى 2025- يىللىق قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنى توردا تەكلىپ قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى ئۆلكىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئۆز جايىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىر تۇتاش ئويلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار مائارىپ ئورۇنلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، 150 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشى مۆلچەرلەندى.

  مائارىپ ساھەسى بويىچە تور سىرتىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسىدە «مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2025- يىللىق قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئەلا سۈپەتلىك 1000دىن ئارتۇق ئورۇننى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى»، «ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى»، «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى» قاتارلىق تەكلىپ قىلىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان سۇپا بەرپا قىلىنىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماس كېلىش دەرىجىسى ۋە تەكلىپ قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋە يېتەكلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ مەيدان مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى 2025- يىللىق قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى قانات يايدۇرغان 2025- يىللىق قاراردا مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ «كۈزلۈك مەكتەپلەردە تەكلىپلىك قوبۇل قىلىش ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق توپ قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، 2025- يىللىق قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(باش تېلېۋىزىيە ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لى جىڭجىڭ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.