تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى زىيارەت | قۇملۇق تاشيولىدا دۇنيا مۆجىزىسى يارىتىلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

    كەچ كۈز مەزگىلى توغراقلىقنى تاماشا قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى. ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ قۇملۇق تاشيولىدىن ئۆتۈپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىپ، كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك توغراق مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدۇ.

    20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا تاشيول ياساشنى باشلاپ، دۆلىتىمىزدە ھەتتا دۇنيادا كۆچمە قۇملۇقتا مۇساپىسى ئۇزۇن، دەرىجىلىك تاشيول ياساشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

    كۆپ يىللاردىن بۇيان، تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى بىر لىنىيەدىن كۆپ لىنىيەگە ئۆزگىرىپ، دۆلىتىمىزدىكى سانى ئەڭ كۆپ، قاپلاش كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولغان قۇملۇق تاشيول قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، قۇملۇق چېتىگە جايلاشقان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى. 

    «ھالاكەت دېڭىزى» تاشيول تەرىپىدىن بۆلۈندى

   «ئاسماندا قۇش ئۇچمايدۇ، يەردە گىياھ ئۈنمەيدۇ.» تەكلىماكان قۇملۇقى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيادىكى 10-چوڭ قۇملۇق بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %20ىنى ئىگىلەيدۇ.

    تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار ئارىسىدىكى ئالاقىگە توسالغۇ بولغان، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ كەلگەنىدى.

    نىيە ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتا ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغى بىلەن، شىمالدا بىپايان قۇملۇق بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىلگىرى نىيە ئاممىسى ئۈرۈمچىگە بېرىشتا، دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنى بويلاپ غەرب تەرەپنى ئايلىنىپ ماڭاتتى، مۇساپىسى 2200 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ۋاقىت، كۈچ ئىسراپ بولاتتى.

بۈگۈر-نىيە تاشيولى نىيە بۆلىكىنىڭ ئەمەلىي مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت).

    1993-يىلى 3-ئايدا، شىنجاڭ ھەتتا مەملىكەت بويىچە تۇنجى قۇملۇق تاشيولى − بۈگۈر-نىيە تاشيولىدا ئىش باشلاندى. بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 552 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە قۇملۇق يول بۆلىكى 446 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، 1995-يىلى 9-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن نىيەدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپە 1000 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقاردى.

   شۇنىڭدىن كېيىن، «ھالاكەت دېڭىزى»دا ئارقا-ئارقىدىن تاشيوللار ياسالدى.

   2007-يىلى 11-ئايدا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 425 كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدىغان ئارال-خوتەن تاشيولىدا قاتناش باشلاندى؛ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 30 -كۈنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 334 كىلومېتىر كېلىدىغان لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلاندى؛ بۇلارغا 2023-يىلى 12-ئايدا قاتناش باشلانغان تۇمشۇق شەھىرىدىن كۇنيۈ شەھىرىگىچە بولغان تۇمشۇق-كۇنيۈ تاشيولىنى قوشقاندا، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان «ھالاكەت دېڭىزى»دىكى غول لىنىيە تاشيولى تۆتكە يەتتى.

   جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى قۇملۇق تاشيولى ئاساسىدا، شىنجاڭ يەنە تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئارال شەھىرىدىن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا تارىم بازىرىغىچە بولغان تاشيولنى ياسىدى، بۇ تاشيول يانتۇ يۆنىلىشتە بولۇپ، نۇرغۇن قۇملۇق تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇپ، قۇملۇقتا تورسىمان تاشيولنى شەكىللەندۈردى، نۇرغۇن تاشيول «ھالاكەت دېڭىزى»نىڭ ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بىپايان قۇملۇق ئەمدى توسالغۇ بولالمايدىغان بولدى.

    قۇمتاغلار تۈزلىنىپ كەڭ يوللار ياسالدى 

    قۇملۇق تاشيولىنى ياساشتا سانسىزلىغان خىرىسلارغا يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ، لوپنۇر-چەرچەن قۇملۇق تاشيولى بۇنىڭ ئىچىدىكى خىرىس ئەڭ چوڭ بولغان بىرى.

   لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 334 كىلومېتىر، قۇملۇق بۆلىكىلا 307 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىلگىرىكى تاشيوللارغا سېلىشتۇرغاندا، لوپنۇر-چەرچەن قۇملۇق تاشيولىنى ياساش تېخىمۇ تەسكە توختىدى، بۇ تاشيول قۇملۇقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زىچ، ئېگىز قۇمتاغلاردىن ئۆتىدۇ، ئىچكىرىلەپ ماڭغانسېرى قىيىنلىشىدۇ، شۇڭا «يول ياساش چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان.

لوپنۇر-چەرچەن قۇملۇق تاشيولىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار چوڭ تىپتىكى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ قۇمتاغلارنى تۈزلىمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    پۈتكۈل تۈردە 32 جايدىكى ئېگىز قۇمتاغ تۈزلەندى، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى 28 ئويمانلىق تىندۇرۇلدى، ئەڭ ئېگىز بىر قۇمتاغنىڭ ئېگىزلىكى 100 مېتىرغا يېقىن بولۇپ، 40 نەچچە يۇقىرى قۇۋۋەتلىك زەنجىر تاپانلىق توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن توپتوغرا 150 كۈن ئىتتىرىپ، ئاندىن بۇ ئەڭ ئېگىز قۇمتاغ تولۇق تۈزلەپ بولۇندى.

    دۇنيا بويىچە 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇقتا تاشيول ياساشتا، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاچقۇچ.

   نەچچە يۈز ئىشچى لوپنۇر-چەرچەن قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 58 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئوت-چۆپ كاتەكچىسى ياساپ، جەمئىي 70 مىڭ توننا ئەتراپىدا قومۇش ئىشلەتتى. ئەگەر بۇ قومۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باش-ئاخىرىنى تۇتاشتۇرسا، يەرشارى ئېكۋاتورىنى تەخمىنەن 180 قېتىم ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    ياخشى ياساش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ياخشى قوغداش كېرەك.

   بۈگۈر-نىيە تاشيولى ياسالغان كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە باشلاندى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يولنى قۇم-بوراننىڭ يالاپ كېتىشى ھەتتا كۆمۈۋېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. 2005-يىلى قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىنكى ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمان بەلبېغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 436 كىلومېتىر بولۇپ، سۆكسۆك، يۇلغۇن، چۈجگۈن قاتارلىق شورغا چىدامچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تۈرلۈك چاتقالدىن 20 مىليون تۈپتىن كۆپرەك تىكىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر ئون كىلومېتىردا بىر قۇدۇق قېزىلىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

   لوپنۇر-چەرچەن قۇملۇق تاشيولىدا «قۇملۇق تاشيولى بارخان يول بۆلىكى ئۇلترا كۆرۈش ئارىلىقى بويىچە قاتناش بىخەتەرلىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسكەرتىش سىستېمىسى» قوللىنىلدى. بۇ سىستېما «ئاپتوماتىك سېزىش + ئاپتوماتىك ئەسكەرتىش + كاربونسىز ئېنېرگىيە» تېخنىكا يولىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، رادار ئارقىلىق تەكشۈرۈش، سىمسىز يوللاش، دەل جايىدا ئەسكەرتىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆز ئالدىغا سىستېما شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىك بورانغا تاقابىل تۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

     ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلاشتى

    بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقى ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولغانىدى، قىسمەن ئامما ھەتتا بىر ئۆمۈر قۇملۇقتىن چىقىپ باقمىغانىدى. قۇملۇق تاشيوللىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈشى بىلەن، ھەر مىللەت ئامما «قۇملۇق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان» ھالەتتىن قۇتۇلدى.

لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىغا بوشلۇقتىن نەزەر (ماتېرىيال سۈرەت).

چۆ.خۇرە فوتوسى

    چەرچەن ناھىيەسىدە ياشاۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بولغان توغراقلىق يېزىسى قوشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن تۇردى ئىلگىرى كورلا شەھىرىگە ناھايىتى ئاز باراتتى. ئاساسلىقى قولايسىز بولۇپ، چەرچەندىن كورلىغا بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چاقىلىققا بېرىپ، ئاندىن ئاپتوبۇس ئالمىشىپ كورلىغا باراتتى، ئاپتوبۇس يولدا چايقىلىپ ئىككى-ئۈچ كۈن ماڭاتتى.

    بۇ ئەھۋال لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەردى. لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چەرچەندىن كورلىغىچە بولغان يۈرۈش مۇساپىسى 350 كىلومېتىر قىسقاردى، يۈرۈش ۋاقتىمۇ ئەسلىدىكى 12 سائەتتىن ئالتە سائەتكە قىسقاردى. «ھازىر كورلىغا بارىمەن دەپلا ماڭالايمىز» دېدى ياسىن تۇردى.

    جۇڭگو قاتنىشى شىنجاڭ قاتناش سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، قاتناش مىقدارى 520 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ تاشيول كورلىدىن چەرچەنگە تۇتىشىدىغان مۇھىم تاشيول بولۇپ قالغان.

    «ئىلگىرى چەرچەن ناھىيەسىدىن كورلىغا پاختا توشۇشقا نەچچە كۈن كېتەتتى، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بىر قېتىم بېرىشقا ئالتە سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختىكار لى جىنجيەن.

    نىيە ناھىيەسىنىڭ نىيە يېزىسى شيەنفېڭ كەنتىدىكى خوتەن يامېي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى چىلان بازىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1000 مو بولۇپ، بازىدا «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ئالما چىلان، قاپاق چىلان، چەينەك چىلان قاتارلىق 20 نەچچە خىل سورتتىكى چىلان دەرىخى تىكىلگەن، چىلان ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى بازارلاردا سېتىلىدۇ.

    «بۈگۈنكى كۈندە قۇملۇق ئەمدى توسالغۇ بولالمايدۇ، چىلان توشۇش ناھايىتى قولايلىق، بازار بارغانسېرى كېڭەيدى، سېتىلىش مىقدارى بارغانسېرى ئاشتى» دېدى خوتەن يامېي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى چېن جيەنجۈن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.