مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يېقىندا، «گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ <موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ئېلان قىلىندى. «قارار»دا مۇنداق دېيىلدى: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكى 60 ياشتىن 63 ياشقا ئۇزارتىلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى بويىچە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ يۇقىرى ياش چېكى 60 ياشتىن 63 ياشقا ئۇزارتىلىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ <موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.