كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا ئۇدا قار يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتەك ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلدى. ھەر قايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بەس-بەستە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈنئىي قار ياسىدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرى يېڭى قار پەسلىنى كۈتۈۋالدى.
11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېچىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلغان، ئېچىۋېتىلگەن قار يولى كەيشۇەن يولى؛ جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېچىلغان، ئېچىۋېتىلگەن قار يولى كۆكتوقاي يولى، جىكپۇلىن ئالدىنقى يېرىم بۆلىكى، جياڭجۈن تېغى ئېتىكى يېرىم بۆلىكى.
11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 15 قار ياساش ماشىنىسىدا تۆۋەن دەرىجىلىكلەر قار تېيىلىش يولى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر قار تېيىلىش يولىغا قار ياساپ، يېڭى قار پەسلىنى كۈتۈۋالدى.
فەن لەنلەن فوتوسى
بۇنىڭدىن باشقا، خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغ ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانى، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىمۇ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلغان، ئىستىراھەت نەنسەن ئاممىۋى قار تېيىلىش مەيدانى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى پىلانلىغان.
يېڭى قار پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قاراجون خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قار يوللىرىنى تۈزلەش، قار جابدۇقلىرىنى ئاسراش، قار ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، 12-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي تىجارەت باشلاشنى پىلانلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان.
2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك قار-مۇز مەيداندىن جەمئىي 188ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قار تېيىلىش مەيدانىدىن 101ى، مۇز تېيىلىش سارىيىدىن 27سى، قار-مۇز سەيلە-ساياھەت شادلىق باغچىسىدىن 60ى بار ئىكەن، قار-مۇز مەيدانلىرى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئالتىسى، 4S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىن 10ى، قار يولى كۆلىمى 100 گېكتاردىن ئاشىدىغىنىدىن يەتتىسى بار ئىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى