تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نارات ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى تەستىقلاندى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نارات ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى رەسمىي تەستىقلانغان.

    نارات ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەزمۇنى ھازىرقى ئۇچۇش-قونۇش يولىنى 300 مېتىر ئۇزارتىش، C تۈردىكى ئايروپىلان توختىتىش ئورنىدىن ئالتىنى يېڭىدىن قۇرۇش، 6000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسىنى يېڭىدىن سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئايرودۇرۇمنىڭ تىرانسپورت كاپالەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، نارات ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

    كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەرلىكنىڭ دەسلەپكى لايىھە قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.