تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، باغچا رەسمىي تاقىلىدۇ

   ھۆرمەتلىك ساياھەتچى دوستلار:   

   كەڭ ساياھەتچى دوستلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ساياھەت تۇيغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ۋە ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

   1. باغچىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى: 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تاقىلىدۇ! 

   2. مۆلچەردىكى ئېچىۋېتىش ۋاقتى: 2025-يىلى 4-ئاي (كونكرېت ۋاقتى ھاۋارايى ئەھۋالى ۋە باغچا رايونىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئاساسەن مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىڭ) 

   3. ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىدا ئادەم، ئاپتوموبىل قاتنىشىغا چەك قويۇلىدۇ. باغچا تاقالغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونى خىزمەتچىلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئاپتوموبىل ۋە ساياھەتچىنىڭ رۇخسەتسىز ھالدا ئۆز ئالدىغا مەنزىرە رايونىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. 

   كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز! 

   مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 15299013322

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.