11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىش باشلاندى. شۇ كۈنى سائەت 18دە، رىياسەتچىنىڭ ياڭراق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى كۈتكىلى ئۇزاق بولغان جياڭجۈن تېغىدىكى كەچكى شەپەق يىغىلىشى قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى.
يىغىلىش نەق مەيدانىدا، كەچكى شەپەق نۇرىغا ئەگىشىپ، پۈتكۈل تاغ چوققىسى كۆزنى چاقنىتىدىغان كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مۇزىكىغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، نەق مەيداندا شاد-خۇراملىققا چۆمگەن مەنزىرە نامايان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2025 ─ 2024-يىللىق قار پەسلىدە جياڭجۈن تېغىدىكى كەچكى شەپەق يىغىلىشى ھەر كۈنى ئېچىۋېتىلىدىكەن، ھەر قېتىملىق ئېچىلىش ۋاقتى بىر سائەت بولىدىكەن.
2025 ─ 2024-يىللىق قار پەسلىدە، ئالتاي شەھىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك كىلىمات شارائىتى ۋە قولايلىق رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن ئامىلنى سىجىل چۆرىدەپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى تولۇق زەنجىرلىك ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال-خۇرام كېلىپ، قانغۇچە ئويناپ قايتىش ئىمكانىيىتىگە ھەقىقىي ئىگە قىلىدۇ.
(ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى فۇ خاۋدۇڭ سىن ئىشلىگۈچى ئاقمارال باقىتنۇر)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى