دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. نۆۋەتتە، %80 يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا ۋە مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى مەركىزى بالىلار كېسەللىكلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى. نۇقتىلىق ھالدا ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئاساسىي ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان سەھىيە ئادەم كۈچى بايلىقى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى مىقدارى ھەمدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاساسىي ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى فۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 65 ياشتىن ئاشقان 90 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتتى، نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان 50 مىليوندىن ئارتۇق بالا ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتلىرىدا ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلدى. ھەرقايسى جايلار يەنە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغا ئۇزاق مۇددەت رېتسېپ يېزىش، ئائىلە كېسەل كارىۋىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق بىر قىسىم مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى، ئاممىنىڭ تەسىراتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئاتچوت قىلدۇرۇشى تېخىمۇ قولايلاشتى. بۇ يىل 3-پەسىلگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە %78.4 كەنت داۋالاش ئۆيى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى بەلگىلەنگەن نۇقتا قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى