تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 - بۆلۈمى (ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى) پېرۇدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ لىنيۈەن، مېڭ يىفېي) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 - بۆلۈمى (ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى)نى كۆرسىتىشنى باشلاش مۇراسىمى لىمادا ئۆتكۈزۈلدى. پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت پائالىيەتتە سىنلىق سۆز قىلىپ، پىروگراممىنىڭ پېرۇدا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. پېرۇنىڭ سىياسىي ساھەسى، ئىقتىساد ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسى، ئىلىم ساھەسى، تاراتقۇ قاتارلىقلاردىكى داڭلىق زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200گە يېقىن كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ پېرۇ دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، پېرۇ تېلېۋىزىيە بىرلەشمە كۆرسىتىش تورى، پېرۇ رادىيو پىروگراممىسى گۇرۇھى تېلېۋىزىيە تېرمىنالى قاتارلىق كۆپ سۇپىدا كۆرسىتىلدى.

«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 - بۆلۈمى (ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى)دە، دىققەت مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە دانىشمەنلىك بىلەن كىلاسسىك ئەسەرلەردىن كەلتۈرگەن نەقىللىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە مۇجەسسەملەنگەن يېڭى دەۋردىكى ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە يەرشارىۋى قىممەت مېغىزلىق ئىزاھلانغان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى جانلىق نامايان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.