شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاۋ خۇي، جۇ يۈبو) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئىككى يىل ئىلگىرى بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى. ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن كورېيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق يۆنىلىشىنى چىڭىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە قوشنا بولۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتىشىش، ئىقتىساد جەھەتتە يۇغۇرۇلۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش، ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كورېيە كارخانىسىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ھەم رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر ساھەسى، ئىلىم ساھەسى، يەرلىك بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بېرىش - كېلىشنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ كورېيە خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز، كورېيە تەرەپنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كورېيەگە بېرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ كورېيەنىڭ كېلەر يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ ھەم قوللايدۇ، كورېيە تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.
يىن شىيۆ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى يىل ئىلگىرى مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بالى ئارىلىدا ئۇچراشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور بولۇپ، دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كورېيە جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى ئاساسىدا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، كورېيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كورېيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كورېيە پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىمتىيازى بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار مياۋ شياۋجۈەن، شى يۆ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىلى بىرىنچى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولدى. جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇڭگو - چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا ۋە تېخىمۇ ئوچۇق كەسىپ سىياسىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ چىلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چىلىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، چىلى تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئاشكارا، ئوچۇق، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقى، مۇقىملىقى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە، تىنچ بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
بورىچ مۇنداق بىلدۈردى: چىلى بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، چىلى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. چىلى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈن چيەنكەي پورتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. چىلى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چىلىغا بېرىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئەركىن سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، راۋانلىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چىلى تەرەپ جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ۋاڭ جۇڭيى) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە تايلاند زۇڭلىسى پېي تۇڭتەن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تايلاند يېقىن، دوستانە ئۆتىدىغان قوشنا دۆلەت، «جۇڭگو - تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. 2022 - يىلى 11 - ئايدا مەن تايلاندتا زىيارەتتە بولغاندا، تايلاند رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق، زىيارەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت جۇڭگو - تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى»نى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن جۇڭگو - تايلاند ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - تايلاند تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساكيامونىنىڭ چىشىنىڭ سارىراسىنى تايلاندقا ئاپىرىپ كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى قوغداپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
پېي تۇڭتەن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۇنيا ۋە رايونلاردا مالىمانچىلىق كەينى - كەينىدىن كۆرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلار ناھايىتى ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو تايلاندنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، تايلاند تەرەپ جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، كېلەر يىلى تايلاند - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «تايلاند - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى»نى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تايلاند - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان كېيىنكى 50 يىلىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، تايلاند - جۇڭگو تۆمۈريولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ كەيجۈن، ۋاڭ لىنيۈەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە سىنگاپور زۇڭلىسى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئۆزئارا دوستانە ئۆتىدىغان يېقىن قوشنىلار ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشىدە، جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇلتۇر، جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتى ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر، ئىككىلا دۆلەت دۆلەت تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن جۇڭگو - سىنگاپور دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، داۋاملىق تۈردە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىنگاپورنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە قاتنىشىشى بالدۇر باشلاندى، ساھەسى كەڭ بولدى، نەتىجىسى ئەمەلىي بولدى. سىنگاپور تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى، تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى، چۇڭچىڭ ئۈلگىلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە گۇاڭجوۋ بىلىم شەھەرچىسى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى داۋاملىق ياخشى قۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەلىرىدە ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىمىز. دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەھنىلەردە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشنى خالايدۇ.
خۇاڭ شۈنسەي مۇنداق بىلدۈردى: سىنگاپور بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق بولدى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. سىنگاپور - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مۇناسىۋەت. سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تولۇق چۈشىنىدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. سىنگاپور تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا ئىشەنچكە تولغان، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە داۋاملىق چوڭقۇر قاتنىشىپ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر تەرەپلىمە يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سودىنى، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ يۈەن، شاۋ يىبو) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى لاكسون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 10 يىل ئىلگىرى مەن يېڭى زېلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلغانىدۇق. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۈچلۈك ئاشۇردى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك، ئىككى تەرەپنىڭ تارىخىي ئۆچ - ئاداۋىتى يوق، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، بىر - بىرىنى خىرىس ياكى تەھدىت دەپ قارىماستىن بەلكى پۇرسەت ۋە ھەمراھ دەپ قارىشى كېرەك؛ ئىختىلاپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىشىگە يول قويماستىن بەلكى ئىختىلاپلارنى سوغۇققانلىق بىلەن ئەمەلىي باشقۇرۇشى - تىزگىنلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش» روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتتىكى يەرلىك، ياشلار، تاراتقۇلار، ئالىملار قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيەنى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، يېڭى زېلاندىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى، ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
لاكسون مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىر ئۇلۇغ دۆلەت. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغاندىن بۇيانقى 10 يىلدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى رىشتە ئىنتايىن چىڭىدى. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتىساد - سودا، يېشىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون سودىسىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولۇشىنى ئورتاق قوغداپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لۇ جيافېي، ۋاڭ جۇڭيى) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىپوماۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىش، تەرەققىي قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا يېقىن قوشنا، ئوخشاشلا ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىش بويىچە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»تىن ئىبارەت مۇھىم ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، ئىجابىي ۋە مۇقىم بولغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى، ياپونىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىر - بىرىگە قارىتا توغرا تونۇش تۇرغۇزۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كونكرېت سىياسەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت داۋامىدا نامايان قىلىپ، تارىخقا توغرا قاراپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق زور پىرىنسىپلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ئىجادىي باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ۋە يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئەركىن سودا سىستېمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغدىشى كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوچۇق رايونچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
شىپوماۋ مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ياپونىيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى ۋە ئىجابىي، مۇقىم بولغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشى رايون ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەيۋەن مەسىلىسىدە، ياپونىيە تەرەپنىڭ 1972 - يىلىدىكى ياپونىيە - جۇڭگو قوشما باياناتىدا چىڭ تۇرۇش مەيدانى قىلچە ئۆزگەرمىدى. ياپونىيە تەرەپ ياپونىيە - جۇڭگو تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن پىرىنسىپ ۋە ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، تارىخقا توغرا قاراش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى ئاساسىدا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلاملار بويىچە سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» ئويى يوق، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېشىل تەرەققىيات، داۋالىنىش - كۈتۈنۈش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياپونىيەنىڭ فۇداۋدىكى يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى تېزدىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا قوشۇلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.