تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 677 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر تاللا بازىرى سودىسىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىغا قارىماڭ، لېكىن ئالدىنقى بىر مەزگىلدە بىز ئىناۋەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدۇق.» 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، كارخانا جازاغا ئۇچراش تۈپەيلى ئىناۋىتىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىك سەۋەبىدىن سودىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش چەكلىمىگە ئۇچراپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا، شىنجاڭدىكى مەلۇم شىركەت خېرىدار چاقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى لى خانىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى ئالقىشلىدى.

بۇلتۇر 6 - ئايدا، بۇ شىركەت مەھسۇلات سۈپىتى مەسىلىسى سەۋەبىدىن، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش سىستېمىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئالاقىدار جازا سەۋەبىدىن ئىزچىل ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنىدى. بۇ يىل 7 - ئايدا، شىركەتنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، لى خانىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن. مەزكۇر ئىدارە قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تاللا بازىرىغا بېرىپ ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نورمال تىجارەت ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2022 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرغاندىن بۇيان، جەمئىي 677 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىنورماللار تىزىملىكىدىكى جەمئىي 625 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان جەمئىي 28 مىڭ 800دىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن جەمئىي 23 مىڭ 300دىن ئارتۇق تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

2014 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ «كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، يۈرۈشتۈرۈپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى بىرتۇتاش توپلاپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئوبرازىنى شەكىللەندۈردى.

كارخانىلارنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تىجارەت سۇبيېكتىلىرىنىڭ ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «تۆت بىر» مۇلازىمەت تەدبىرى، يەنى «بىر كۇنۇپكا بىلەن يوللاش، بىر تەرتىپ، بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش» تىن ئىبارەت ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولدى.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون «ئىناۋەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە تەدبىر»نى چىقىرىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش قاتارلىق ئون تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يەنە «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى چىقىرىپ، ئىناۋەت ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرتۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق 23 تۈرلۈك تەدبىرنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا ياردەم بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى تۈزىتىپ، ياخشى ئىناۋەتنى قايتا تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ. تۈزىتىش ئارقىلىق خاتالىقىنى تۈزەتكەندىن كېيىنكى كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتا، قانۇن بويىچە ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تىجارىتى بىنورماللار تىزىملىكىدىن يۆتكەپ چىقىرىۋېتىپ ياكى نورمال خاتىرىلەش ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىناۋەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپ، ناچار تەسىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى نورمال تىجارەت يولىغا قايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.