تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلىتىمىز ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ كەلدى، نوپۇس تەرەققىياتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئۇنىۋېرسال مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقارغاندا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نوپۇس ياش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن نوپۇستا مىقدار ئېشىش تەرەققىياتىدىن مىقدار ئازىيىش تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆزگەردى، نوپۇس تەرەققىياتىدا بالىلار ئازىيىش، ياشانغانلار كۆپىيىش، رايونلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئازىيىشىدا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىش قاتارلىق روشەن يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى نوپۇس مۇھىتى ۋە شارائىتىغا دۇچ كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك تونۇش، توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى نوپۇس خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسى ۋە نوپۇس كۆلىمىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ساپاسى ياخشى، ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى ئەلا، تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېز بەرپا قىلىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك. تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچى، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، سىستېما قارىشى ئارقىلىق نوپۇس مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىدا ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، نوپۇسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نوپۇس بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى نوپۇس خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان رەھبەرلىك قىلىش - ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نوپۇسنى ئىستاتىستىكا قىلىش بىلەن ھەرىكەتچان كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، نوپۇس ۋە تۇغۇت كاپالىتى قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە نوپۇس نەزەرىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.