ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ يۈەن، خاۋ يۈنفۇ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن لىماغا يېتىپ باردى، پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بورۇئارتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن لىما كاللائو ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، پېرۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئادرىيانسون قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو تىلىدا شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ، پېرۇ ھۆكۈمىتى ۋە پېرۇ خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - پېرۇ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دوستانە ئۆتۈش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. پېرۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇر راۋاجلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، چوڭ - چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو - پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. مەنمۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
ئالدىن يېتىپ بارغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، جۇڭگونىڭ پېرۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ياڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، خۇاچياۋ، خۇارېنلار، جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار، پېرۇدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە شۇ جايدىكى ئامما يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرۇپ قارشى ئېلىپ، جۇڭگو ۋە پېرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇدىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!» «ياشىسۇن جۇڭگو - پېرۇ دوستلۇقى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داقا - دۇمباق چېلىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
بېيجىڭدىن لىماغا بېرىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئىسپانىيەنىڭ چوڭ كانارىئا ئارىلىدا تېخنىكىلىق توختىدى، ئىسپانىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كانارىئا ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ۋە شۇ جايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى، ئۇزىتىپ قويدى.