□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
قىش كىرىپ، ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇشقا باشلىدى.
11 ـ ئايدىن باشلاپ، شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى سىستېمىسى قىش پەسلىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەندىزىسىنى رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىدى.
2004 ـ يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى پۈتۈپ گاز تۇتاشتۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىدا جەمئىي تۆت لىنىيە قۇرۇلدى، بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى سىستېمىسىدا جەمئىي يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز 980 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى.
غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
20 يىلدا تۆت ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى قۇرۇلدى
11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ «يۈرىكى» دەپ ئاتالغان كېلا 2 گازلىقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇدۇقلىرى تولۇق ئىشقا كىرىشتى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى ئارقىلىق، كۈچلۈك گاز ئېقىمى يول بويى شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئەڭ يىراق بولغاندا شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ.
كېلا 2 گازلىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى تەۋەسىدە. 1998 ـ يىلى 9 ـ ئايدا كېلا 2 قۇدۇقىدا قۇدۇقنى ئۆلچەش ـ سىناش تاماملىنىپ، كۈچلۈك تەبىئىي گاز ئېقىمى شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن كېلا 2 گازلىقى بايقىلىپ، تارىم نېفىتلىكىنى چارلاش ـ ئېچىش تارىخىدا شانلىق بىر بەت ئېچىلدى.
«كېلا 2 گازلىقىنىڭ بايقىلىشى ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشى دۆلەتنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جيا چېڭزاۋ مۇنداق دېدى: ئەگەر كېلا 2 گازلىقى بولمىغان بولسا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى بەلكىم يەنە بىرقانچە يىل ساقلاشقا توغرا كەلگەن بولاتتى.
2000 ـ يىلى، گوۋۇيۈەن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى تەستىقلىدى، بۇ، چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشىدىنلا قالسا يەنە بىر چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى بولۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
2002 ـ يىلى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى. 2004 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، غەربتە شىنجاڭ جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىن باشلىنىپ شەرقتە شاڭخەي بەيخې بازىرىغىچە بولغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، چۆل، باياۋان، ئېگىزلىك، تاغلىق رايون، تۈزلەڭلىكنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش چوڭ تومۇرى شۇنىڭ بىلەن بارلىققا كەلدى.
شۇ چاغدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، پەقەت تارىمنىڭ تەبىئىي گازىنى تىرەك قىلىشلا كۇپايە قىلمايتتى، شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولغان ياۋروپا ـ ئاسىيا دۆلىتىمىزنىڭ سودا نەزەر دائىرىسىگە كىردى.
2008 ـ يىلى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2012 ـ يىلى تولۇق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسى شىنجاڭ قورغاستىن باشلىنىپ گۇاڭدۇڭ شېنجېندا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا شياڭگاڭغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ غول لىنىيەگە تارماق لىنىيەنى قوشقاندا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسىنىڭ تۇنجى تەبىئىي گاز مەنبەسى تۈركمەنىستاندا بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، ئەگرى ـ بۈگرى سوزۇلغان بۇ لىنىيە تەخمىنەن 2000 كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ قورغاسقا يېتىپ بېرىپ، بۇ جايدا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسى بىلەن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 3 ـ لىنىيەسى جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تەبىئىي گاز چوڭ تومۇرىنى ئورتاق شەكىللەندۈرىدۇ.
ھازىرغا قەدەر، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا تۆت ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى قۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 3 ـ لىنىيەسىدە 2012 ـ يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، شەرق، ئوتتۇرا، غەربتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە ئايرىلىپ قۇرۇلدى، غەربىي بۆلىكى ۋە شەرقىي بۆلىكى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2014 ـ يىلى ۋە 2016 ـ يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئوتتۇرا بۆلىكىدە 2021 ـ يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ھېلىھەم تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسىدە 2022 ـ يىلى 9 ـ ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى شىنجاڭ بۆلىكى ئالدى بىلەن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 400دىن ئارتۇق شەھەرگە نەپ يەتكۈزدى
11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قار ياغدى. دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مايتاغ شۆبە شىركىتى قورغاس مەشغۇلات رايونىنىڭ مۇدىرى جىن ياۋخۇي مەيدان پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتاتتى.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسى ۋە 3 ـ لىنىيەسىنىڭ باش پونكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قورغاس مەشغۇلات رايونى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېكۇنتىغا 1400 كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىدۇ، بۇ، بىر ئائىلىنىڭ 2800 كۈن ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن جىن ياۋخۇينىڭ غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى. 2022 ـ يىلى، ئۇنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھىرىنىڭ يېزىسىدا ياشاۋاتقان ئاتا ـ ئانىسىمۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گازنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، بۇنىڭ بىر قىسمى دەل غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن.
دۆلەت نېفىت ـ تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز 980 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمى، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، ئوتتۇرا جۇڭگو ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى 400دىن ئارتۇق شەھەر، 3000دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا ۋە 500 مىليونغا يېقىن نوپۇسنى مەنپەئەتلەندۈرگەن.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسىدىن نەپكە ئېرىشكەن تۇنجى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى 2009 ـ يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازىنى ئىشلىتىپ، «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇشقا باشلىدى، 2012 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى شەھەرنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ %90ى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەشتە پۈتۈنلەي تەبىئىي گاز ئىشلىتىلىپ، يىلىغا 800 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 400 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ئاز قويۇپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىمۇ دۆلىتىمىزدىكى ئومۇميۈزلۈك گازلاشقان تۇنجى ئۆلكە مەركىزى شەھىرى بولۇپ قالدى.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىدىن تەبىئىي گازغا ئېرىشىشتە چۈشۈرۈش نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. دۆلەت نېفىت ـ تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا جەمئىي ئىككى قاچىلاش نۇقتىسى، 12 چۈشۈرۈش نۇقتىسى قۇرۇش تەستىقلاندى.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن چۈشۈرۈش نۇقتىلىرى شىنجاڭ ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ ۋە سانائەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.
2023 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 ـ لىنىيەسىنىڭ قومۇلدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىككى تەبىئىي گاز چۈشۈرۈش نۇقتىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قومۇل ئايرىش ـ يەتكۈزۈش پونكىتىنىڭ لايىھەدىكى ئايرىش ـ يەتكۈزۈش گاز مىقدارى ئەسلىدىكى 130 مىليون كۇب مېتىردىن 2 مىليارد 35 مىليون كۇب مېتىرغا كۆپەيتىلىپ، ئىقتىدارى 15 ھەسسە كېڭەيتىلدى.
يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تەبىئىي گاز ئاساسلىقى قومۇل شەھىرى ھەم بىڭتۇەن 13 ـ شىنىڭ خەلق تۇرمۇشى، سودا، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ، بۇ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، مۇھىت قوغداش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2023 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى 4 ـ تۇرۇبا يولى ئاسراش بەنىدىكى گاز بېسىمى پونكىتىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن چۈشۈرۈش نۇقتىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى شەرقىي قىسىم رايونلاردا تەبىئىي گاز ئىشلىتىش قىس بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى، يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.
غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2024 ـ يىلى شىنجاڭ رايونىدىكى 35 تەبىئىي گاز چۈشۈرۈش نۇقتىسىدا چۈشۈرۈلگەن تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى 6 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدىكەن.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ «بىر تور»ىغا قوشۇلدى
تارىخقا نەزەر سالساق، 2004 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ بۇ يىل 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا يولى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلگىنىگە 20 يىل بولىدۇ.
20 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىلا 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.
ھازىر، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى، 2 ـ لىنىيەسى، 3 ـ لىنىيەسى، 4 ـ لىنىيەسىدىن ئورتاق بەرپا قىلىنغان تۇرۇبا يولى سىستېمىسى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى بىلەن جۇڭگو ـ رۇسىيە شەرقىي لىنىيەسى، سىچۇەننىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى، جياڭسۇ ـ ئەنخۇي تۇرۇبا يولى، چىڭخەي ـ نىڭشيا تۇرۇبا يولى ئارىسىدا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەبىئىي گاز «بىر تور»ىغا قوشۇلدى.
ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تۇرۇبا يولى ئارقىلىق، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا يولى سىستېمىسىنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى.
تۇرپان ئالاقە گاز بېسىمى پونكىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 ـ لىنىيەسى، 2 ـ لىنىيەسى، 3 ـ لىنىيەسى، 4 ـ لىنىيەسى تۇرۇبا يولىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى كېسىشىش نۇقتىسى. «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسى (تۇرپان − جۇڭۋېي بۆلىكى) ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئەسلىدىكى 77 مىليارد كۇب مېتىر ئاساسىدا يەنە 15 مىليارد كۇب مېتىر ئاشۇرۇلىدۇ.» غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى فۇ مىڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەبىئىي گاز «بىر تور»ىغا قوشۇلۇشنى تېزلىتىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى قەشقەر گاز بېسىمى پونكىتى، ئاچال گاز بېسىمى پونكىتى، پوسكام گاز بېسىمى پونكىتى قاتارلىق بېسىمنى ئاشۇرۇپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ ئاخىرقى پونكىتىنىڭ تۇرۇبا يولى قاتارلىق نۇرغۇن ئالاقە لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا تورى بىلەن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان كۆپ گاز مەنبەسى ئارقىلىق گاز بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.
فۇ مىڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ، كۆپ نۇقتا ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، تۇرۇبا تورى گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، جانلىقلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ غول لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنىڭ بىر قېتىمدا تورغا كىرىش مىقدارى ھەر يىلى تەخمىنەن 240 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە گاز يەتكۈزۈش مىقدارى تەخمىنەن %40نى ئىگىلەيدۇ. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىكى تەبىئىي گازنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %2.4 ئىدى؛ 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەبىئىي گازنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %8.5كە ئۆستۈرۈلدى.