يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، «24365 مەكتەپلەردىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى» مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇما قىلىپ، پائال تۈردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار بويىچە تەمىنلەش-ئېھتىياجنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى مائارىپ ساھەسىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى.
توردا مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، «مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئۆز جايىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنى ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار مائارىپ ئورۇنلىرىنى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىشقا قاراتمىلىق تەشكىللەپ، 150 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى مۆلچەرلىدى.
مائارىپ ساھەسىدە تور سىرتىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسىدە «مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2025-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى 1000دىن ئارتۇق مائارىپ ساھەسى بويىچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش مۆلچەرلەندى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە بىرلا ۋاقىتتا «دۆلەت مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى» «ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى» «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى» قاتارلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش مەخسۇس رايونلىرى تەسىس قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار بويىچە تەمىنلەش-ئېھتىياجنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، خىزمەتچى بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماس كېلىش دەرىجىسى ۋە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئارقىلىق يېتەكلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ مەيدان مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى قانات يايدۇرغان 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «كۈز پەسىللىك مەكتەپلەردىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى. كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق توپ قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى