11-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەزگىلىدە نەتىجىلەرنى كۆرگەزمە قىلىش، نامايان قىلىش پائالىيىتى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
مۇسابىقە نەق مەيداندا تۈر تونۇشتۇرۇش شەكلى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ھەربىر تۈرنىڭ ۋاقتى 15 مىنۇت، بۇنىڭ ئىچىدە تۈر تونۇشتۇرۇشقا سەككىز مىنۇت، مۇتەخەسسىسلەر سوئال سوراش، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار جاۋاب بېرىشكە يەتتە مىنۇت بېرىلىدىكەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇت تەتۈر ساناق شەكلىدە ئەسكەرتىلىدىكەن. مۇسابىقە تەرتىپى نەق مەيداندا چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن. باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنى مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى تاللاپ تەكلىپ قىلىدىكەن، ھەربىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدا بەش مۇتەخەسسىس بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ھەرقايسى مۇسابىقىلەرنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن نەق مەيداندا نومۇر قويۇپ، نومۇرنى نەق مەيداندا ئېلان قىلىدىكەن. تۈر بويىچە ئېرىشكەن نومۇر بەش نەپەر مۇتەخەسسىس قويغان نومۇرنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن. ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدا ئېرىشكەن نومۇرى ئوخشاش بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، باھالاشتا تۈرگە ئايرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ سالمىقىغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە تۈرگە ئايرىلىپ ئېرىشكەن نومۇرى سېلىشتۇرۇلىدىكەن، ئېرىشكەن نومۇرى يۇقىرى بولغانلار ئالدىغا تىزىلىدىكەن.
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار چوقۇم 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇپ تونۇشتۇرىدىغان تۈرىنىڭ PPT كۆرسەتمە ئارگىنالىنى پوچتا ساندۇقى Wangsufeng @ xjicec.comغا يوللىشى كېرەك، ھۆججەت نامى مۇسابىقە ئايرىمىسى + ساھە (يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى) + ئىلتىماس قىلغۇچى + تۈر نامى شەكلى بويىچە يوللىنىشى كېرەك. PPT كۆرسەتمە ئارگىنالى PPT/PPTX ھۆججەت شەكلىدە بولۇشى، مۇقاۋىسى، مۇقاۋىسىنىڭ ئاخىرقى بېتى چوقۇم بەلگىلەنگەن ئۈلگىگە ئاساسەن ئىشلىنىشى كېرەك. مۇقاۋىسىغا چوقۇم مۇسابىقە ئايرىمىسى (يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ياكى قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسى)، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى كەسپ ساھەسى (زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىك، بىيو تېببىي دورا ۋە ساغلاملىق، ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، باشقا ساھەلەر)، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئورۇن، تۈر نامى، كوللېكتىپ مەسئۇلى، كوللېكتىپ ئەزاسى، دوكلات قىلغۇچى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
ھەرقايسى مۇسابىقىگە، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلار 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن ئاستىدىكى ۋىيشىن كىچىك پروگىراممىسى ئىككىلىك كودىنى ساۋما قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ۋە يىغىنىغا قاتنىشىش» تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، تىزىملىتىشنى تاماملاپ، بىر سۇڭلۇق رەسىمنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكتور ئاشتىلار تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان دوكتور ئاشتىلارنىڭ ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك مۇسابىقىسى ئىكەن. 8-ئايدا تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 208 تۈر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان، 36 ئورۇننىڭ 154 تۈرى تەكرار مۇسابىقىگە كىرگەن، كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 105 تۈر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى