ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان قار بىلەن ھەممە يەر ئاپئاق تۈسكە كىردى!
يوللار «كۈمۈش كىيىم كىيىش»تىن «راۋان قاتناش» ھالىتىگە ئۆتتى، قارلار تازىلىنىپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يېرىم كېچىدە، ئۈرۈمچىدە قار - يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. كىشىلەر ئويغىنىپلا دەل-دەرەخ، ئاپتوموبىل ۋە بىنا ئۆگزىلىرىنىڭ ئاپئاق تۈسكە كىرگەنلىكىنى ھېس قىلدى، بەدەنمۇ خېلى سوغۇق ھېس قىلدى.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىكى مېتېئورولوگىيە سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى قار يېغىش جەريانىدا ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ بولمىغان، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 15كىچە، تىيانشان رايونىنىڭ 4.5 مىللىمېتىر، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ 6.2 مىللىمېتىر، شىمىگۇ رايونىنىڭ 5.3 مىللىمېتىر بولغان. تىيانشان رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن قارنىڭ قېلىنلىقى ئىككى سانتىمېتىرغا، مىدۇڭ رايونىدىكى تاغلىق رايونلاردا تۆت سانتىمېتىرغا يەتكەن.
ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات. سۈرەتتە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايى ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سائەت 17لەر ئەتراپىغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردە يېغىۋاتقان قار ئارقا - ئارقىدىن توختىغان، شەھەر رايونىنىڭ ئەمەلىي تېمپېراتۇرىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۆلدىن تۆۋەن 3.6 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كېچىدىن 17 - كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 4-~ 2-سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9-~ 7- سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قايتىدىن ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىمۇ نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا ئۆرلەيدىكەن. بۇمۇ ئۈرۈمچىنىڭ قىشقا كىرىشتىن «مەغلۇب» بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كىلىمات شارائىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى جەنۇب بىلەن ئوخشىمىغاچقا، شىنجاڭدا قىش كىرىش ئۆلچىمى: ئۇدا بەش كۈن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى مەزگىلدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلىمەسلىك. مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىللار بويى ئوتتۇرىچە قىش كىرىش مەزگىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە بولىدىكەن. قىش ئەڭ كېيىن كىرگەن ۋاقىت 1994 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قىش ئەڭ بالدۇر كىرگەن ۋاقىت 1976 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كۆرۈلگەن.
قاردىن كېيىنكى ئۈرۈمچى خۇددى چۆچەكلەردىكى قار ـ مۇز شەھىرىگە ئوخشاپ قالدى. ئاسمان بىلەن زېمىن ئاپئاق تۈسكە كىردى، قار ئۇچقۇنلىرى چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئاستا - ئاستا قاپلاپ، بۇ شەھەرگە بىر قەۋەت كۈمۈش تون كىيدۈردى. يىراقتىكى قارلىق تاغ ئاپئاق قاردا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى. پۈتكۈل ئۈرۈمچى قاردىن كېيىنكى جىمجىتلىق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە بولۇپ، كىشىنى بۇ چەكسىز گۈزەل قىش يۆگىمە رەسىمىگە مەپتۇن قىلاتتى، مەستخۇش قىلاتتى.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى يېڭى تاراتقۇ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى