تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى گەنجوۋغا ماكانلاشتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ

   قۇرۇق ئۈزۈم، ئەنجۈر قېقى، قوي پاچىقى كاۋىپى، جىغان شەربىتى، تۆگە سۈتى قۇرۇتى... 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرىنىڭ بىنجياڭ يولىدا رەسمىي ئېچىلدى، شىنجاڭنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى گەنجوۋ شەھەر ئاھالىلىرىگە شىنجاڭنىڭ مول بايلىقىنى ھېس قىلدۇردى. 

11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

   شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى گەنجوۋ شەھىرىنىڭ بىڭجياڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ 200 خىلدىن ئارتۇق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىدۇ. گەنجوۋ شەھەر ئاھالىسى جاڭ كەيمىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالايىتەن كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى.

   جاڭ كەيمىڭ شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن شۇ جايدىكى چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدىن تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى، توردا سېتىۋالسا قولغا تېگىش ۋاقتىمۇ بىرقەدەر ئۇزاق ئىدى، شۇ كۈنى ئۇ ئالايىتەن بىر بولاق تۆگە سۈتى قۇرۇتى ۋە بىر بولاق قۇرۇق ئۈزۈم سېتىۋالدى. «بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئازراق سېتىۋېلىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن ھەمبەھرىلىنىمەن، ئۇلارغا ھەقىقىي <شىنجاڭچە تەم>نى تېتىتىمەن» دېدى جاڭ كەيمىڭ.

 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، گەنجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

   شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى زوۋ رۇڭخۇا مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمە سارىيىدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىلغاندىن سىرت، يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى گەنجوۋ شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، گەنجوۋدىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.