تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ

    مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنىغا چۈشەنچە بەردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، يەسلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ سالاھىيەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، يەسلى باشلىقلىرى، پەرۋىش خادىملىرى، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خادىملىرى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

    تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەسلى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.