ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىدا «10-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە ئوقۇتۇشى بويىچە دەرس سۆزلەش پائالىيىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىش مىسالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نورمىلىق تەۋسىيە قىلىشى ئاساسىدا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، مەركەزلىك ئېلان قىلىشى قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، 296 نەق مەيداندا كۆرسىتىش مىسالى تىزىملىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىخەنزە 3-ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نەق مەيداندا كۆرسەتكەن مىسالى تاللانغان.
كودنى ساۋما قىلىپ مۇكەممەل تىزىملىكنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ