تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يەر شارى بويىچە بىرىنچى! 10 مىليون +

      مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ يىللىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليونغا يەتكەن دۆلەت بولۇپ قالغان.

    ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ——

   • 2013-يىلى جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئىستاتىستىكا سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تۇنجى يىل بولۇپ، شۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى پەقەت 18 مىڭ بولغان.

   • 2018-يىلى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليونلۇق دەرىجىگە يەتكەن.

   • 2022-يىلى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليوندىن ئاشقان.

   • بۈگۈنگە كەلگەندە، تۇنجى قېتىم 10 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئابىدىسى تىكلەنگەن، يىل ئاخىرىغا يەنە بىر يېرىم ئاي ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق 9 مىليون 587 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىن %4.3 ئاشقان.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ ساننىڭ يىل ئاخىرىغىچە 12 مىليوندىن ئېشىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.

«خەلق گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.