تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

گۇيجوۋ توپ مەستانىلىرى شىنجاڭنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟ «كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقسى» نەق مەيدانىغا بېرىپ ھېس قىلىپ باقايلى

   بۇ بىر نەچچە كۈندە، گۇيجوۋنىڭ تەيجياڭ ناھىيەسى تەيپەن كەنتىدە «كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقسى» قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ قورغاس خۇاڭخۇاڭ كەنت ۋاسكېتبول كوماندىسى مېھمان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ جايدىكى توپ مەستانىلىرى، توپچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

   گۇيجوۋدىكى توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىق كوماندا ئەزالىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ نەق مەيداندىكى ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

   11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى مۇسابىقە ئارىلىقىدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كېلىشكەن توپچىلىرى ئالدىدا، گۇيجوۋدىكى توپ مەستانىلىرى «چولپانلارنى قىزغىن قوغلىشىش» ئەندىزىسىنى باشلىدى. «شىنجاڭدىكى كېلىشكەن يىگىت، گۈزەل قىزلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن!» سىندا بىر ئايال توپ مەستانىسى كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى.

   ئۇ يەنە شىنجاڭغا قەلبىدىكىنى ئىزھار قىلدى: شىنجاڭغا بېرىپ گۈزەل قىز، كېلىشكەن يىگىتلەرنى، يەنە گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ باققۇمىز بار!

   11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇن، ئوخشاشلا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر كۆرۈنۈش نامايان بولدى. گۇيجوۋدىكى توپ مەستانىلىرى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن كەيپىيات ئەۋج ئالدى. كىشىگە شۇ جايدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنى چىن كۆڭلىدىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

   توپ مەستانىلىرىدىن باشقا، گۇيجوۋنىڭ توپچىلىرىمۇ شىنجاڭغا تەلپۈنىدۇ. سىندىكى گۇيجوۋ كەيلى كوماندىسىدىكى بۇ توپچىنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش تەقەززالىقى قارىماققا «ئىنتايىن كۈچلۈك»تەك قىلاتتى. 

   بىر تورداش مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى كۆپچىلىككە مەيداندىكى تەنتەربىيە روھىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھېسسىياتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى. كىشىلەرگە نېمىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ ۋە رەڭدار گۇيجوۋ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. (سىن مەنبەسى: قورغاس يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى) 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.