تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

1-ئايدىن 10-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى 3 مىليارد 710 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يەنە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى 3 مىليارد 710 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13 ئېشىپ، يەنە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تىرانسپورتى بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.

دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ 555 يولۇچىلار پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشتى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 21 مىليون 448 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، يەككە كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 1599 ساياھەت پويىزى قاتناپ، ساياھەت ئىقتىسادى، ياشانغانلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. گۇاڭجوۋ-شېنجېن-شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا توشۇلغان چېگرا ھالقىغان يولۇچى 22 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 39.5 ئاشتى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا توشۇلغان چېگرا ھالقىغان يولۇچى 217 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.