توقسۇن ناھىيەسىدە:
ئىشىك ئالدىدىكى «مەدەنىيەت چەمبىرىكى» ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، خېي خۇڭۋېي
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى موللاشتۇرۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى «مەدەنىيەت چەمبىرىكى» بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنى ئىشىكى ئالدىدىلا مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنى ھەقسىز ئىشلىتىش، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئوزۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى.
يېقىندا، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېما زىيارەت ئۆمىكى توقسۇن ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى ھېس قىلدى.
توقسۇن ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدا ئارىلاپ كىتاب ۋاراقلاۋاتقان ئاۋازدىن باشقا ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى، بەزىلەر كىتاب ئوقۇش رايونىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر كىتاب جازىسى يېنىدا كۆرمەكچى بولغان كىتابلارنى ئىزدەۋاتاتتى. «بۇ جايدا كىتاب ناھايىتى كۆپ، مەن بەزىدە مەشىق سوئالى ئىشلەيمەن، بەزىدە كىتاب كۆرىمەن، تەسىراتىم ناھايىتى ياخشى.» 23 ياشلىق مۇيەسسەر راخمان بۇ يىل داشۆنى پۈتكۈزۈپ توقسۇنغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىپ، كىتاب كۆرۈپ، ماتېرىيال ئىزدەپ، بۇ جايدىكى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىدىن تولىمۇ ھۇزۇرلاندى.
توقسۇن ناھىيەلىك كۇتۇپخانا 2023 - يىلى 4 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل 9 - ئايدا سىرتقا رەسمىي تۈردە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3066.74 كىۋادرات مېتىر، بالىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى، چوڭلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق 12 فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنىپتۇ، كۇتۇپخانىدا ھازىر 41 مىڭ 800 پارچە ساقلىنىۋاتقان كىتاب، 14 مىڭ 580 سان ژۇرنال، 15 مىڭ 250 سان گېزىت، 25 مىڭ 652 پارچە كىتاب، 2921 پارچە بالىلار ماتېرىيال كىتابى بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى «مەنىۋى ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلىنىپتۇ.
«كۇتۇپخانىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق، ساقلىنىۋاتقان كىتابلار كۆپ، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» توقسۇن ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى مېھرىگۈل مايىت مۇنداق دېدى: كۇتۇپخانىمىز يەنە ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا قويۇپ، كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدار تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈشكە جەلپ قىلدى ھەم خەتتاتلىق، گۈزەل سەنئەت، قەغەز قىيما قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەشنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈردى.
كۇتۇپخانىنىڭ جىمجىتلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، توقسۇن ناھىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى بۇ يىل 9 - ئايدا سىرتقا رەسمىي تۈردە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشى بۇ جايغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىكەن.
ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى رايونى، تىكتاك توپ رايونى، ۋاسكېتبول مەيدانى، يوگا ئۆيى، شاھمات - قارتا ئۆيى، بىليارتخانا، بوكس مەشىق رايونى قاتارلىقلار بار.
ۋاسكېتبول مەيدانىدا يەتتە - سەككىز يىگىت توپ تالىشىۋاتاتتى، توپ گارغا ئېتىلدى، ۋاسكېتبول پوككىدە قىلىپ گارغا چۈشتى. «ئىلگىرى پەقەت سىرتتىلا ۋاسكېتبول ئوينىيالايتتۇق، بوران چىقىپ يامغۇر ياغسا ئوينىيالمايتتۇق. ھازىر ياخشى بولدى، مەيدان شارائىتى ياخشى، ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ۋاقتىم بولسىلا كېلىپ ئوينايمەن» دېدى توقسۇن ناھىيەسى ئاھالىسى بەختىيار سۇلتان.
توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىغا كىرمەي تۇرۇپلا ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. ناخشا ئاۋازىغا ئەگىشىپ سارايغا كىرگىنىمىزدە، بىر توپ كىشى ساراي ئىچىدە مۇقام ئورۇنلاۋاتاتتى، گاھ ياڭراق، گاھ بوم ئاۋازدا ئېيتىلىۋاتقان ناخشا نۇرغۇن كىشىنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلغانىدى.
توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى 2023 - يىلى 12 - ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل 9 - ئايدا سىرتقا رەسمىي تۈردە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن، مۇقام سەنئىتى كۆرگەزمە زالى، پائالىيەت ئۆيى، سەنئەت ئىجادىيەت ئۆيى ھەمدە كۆپ ئىقتىدارلىق زال قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەدەبىيات، شىچۈ تىياتىرى، ئۇسسۇل، خەتتاتلىق، گۈزەل سەنئەت، سۈرەت تارتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن.
توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى مېھرىگۈل خېۋىر مۇنداق بىلدۈردى: توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى مۇكەممەل ئىقتىدار ۋە ئەسلىھەلەردىن سىجىل پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مول، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«مەن دائىم دوستلىرىم بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمەن، بۇنداق تۇرمۇش ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن» دېدى توقسۇن ناھىيەسى توقسۇن بازىرى ئالتۇن بۇلاق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى رابىگۈل قۇربان.