شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايە سۆزلەش» سەييارە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە باشلاندى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەككىز نەپەر مۇنەۋۋەر مۇخبىرلار ۋەكىلى ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاخبارات خىزمىتىدىكى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈشتىن ئىبارەت سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتىنى جانلىق نامايان قىلدى.
«قۇم دېڭىزىدا پورەكلەپ ئېچىلغان <قارا ئەتىرگۈل>»، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھ)نىڭ مۇخبىرى گۈلگىنە ئەركىن چەرچەن ناھىيەسىدىكى قۇم تىزگىنلىگۈچى ئايال پاتىگۈل ياسىننىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا 20 يىلغا يېقىن چىڭ تۇرۇپ، بوراندا قۇمغا قارشى جەڭ قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى بايان قىلدى؛ «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن»، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ دىكتورى تاڭ يىڭ كۆپ يىل ئىلگىرى چېگرا مۇداپىئە ھەربىيلىرىنى زىيارەت قىلغان كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلەپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قەھرىمانلىرىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈردى؛ «شىنجاڭ، بىز يەنە كېلىمىز»، ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى كۆچمە تېرمىنال تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيا رېنشەن ئاڭلىغۇچىلارنى بۇ يىلنىڭ بېشىدا قاناستىكى قار كۆچكۈنى يۈز بەرگەندە ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزغان - ياردەم بەرگەن خەتەرلىك پەيتكە باشلاپ بېرىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جەريانىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك، ھەقىقىي، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلدى؛ «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش ھاياتلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىش»، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ دىكتورى (رىياسەتچىسى) شى شيەنخۇي بۇ يىل 1 - ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ گۈزەل ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتەك ئىتتىپاقلىق چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى بايان قىلدى...
ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر بۆلەك سىن ئارقىلىق، سەييارە نۇتۇق سۆزلەش ئۆمىكى ئەزالىرى دىققەتنى ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كىچىك نۇقتىلار ئارقىلىق چوڭ باش تېمىنى ئەكس ئەتتۈردى، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ مەنزىرىنى تەسۋىرلىدى، ئاددىي شەخسلەر ئارقىلىق چوڭ دەۋرنى نامايان قىلدى. ھېكايىلەردە ھەم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەسىرلىك ئىش ئىزلار بار، ھەم قەلبتىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھېس قىلىشلار بار؛ ھەم ئاددىي شەخسلەرنىڭ ئارزۇسى بار، ھەم چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتنىڭ كۈچى بار بولۇپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
«ياخشى مۇخبىرلارنىڭ ياخشى ھېكايىلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.» ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ما خۇي مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ھېكايىلەردىن ئوزۇق ئېلىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، غايە - ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى ئىنتىلىشىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە ياشلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىپ، قالتىس كىشىلىك ھاياتىمنى پۈتۈپ چىقىمەن».
بۇ قېتىمقى سەييارە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 25 - قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. كېيىنكى قەدەمدە، سەييارە نۇتۇق سۆزلەش ئۆمىكى يەنە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سەييارە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.