تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ يېڭىلاندى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بىر ئۇچتا كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا ھەرىكەتكە كەلتۈرسە، بىر ئۇچتا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. «بىر كونا، بىر يېڭى» ئېشىش مىقدارى ۋە ساقلانما مىقداردىن ئىبارەت ئىككى بازارنى قوزغاتماقتا.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بەس - بەستە يولغا قويۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ۋە پائالىيىتى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال بازىرىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى ھەمدە «ئەمەلىي» بولغان ياردەم پۇلنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى تېز نامايان بولدى.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدە قانداق قىلغاندا «كونىسىنى تۈگىتىش تېخىمۇ ئاسان» بولىدۇ، ئىستېمالچىلار قانداق قىلغاندا «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ»؟ سودىگەرلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ ئەمەلىي تەسىراتى قانداق؟ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلاش ئىستېمالىنىڭ ئايلىنىشىنى قانداق راۋانلاشتۇرىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەت ئېلىپ باردى.

سىياسەت تۈرتكە بولدى

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدىكى «ۋوجيا» ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانىدا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېلانى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا چاپلانغانىدى، نۇرغۇن ئىستېمالچى مەسلىھەت سورىغىلى ۋە سېتىۋالغىلى كەلدى.

بۇ سېتىش مەيدانى يۈرۈشلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن ئىككىدىن ئارتۇقنى سېتىۋالسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يەنە 4000 يۈەن كېمەيتىش ھەمدە يەككە مەھسۇلات سېتىۋېلىپ مەلۇم سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، يەككە مەھسۇلات سېتىۋېلىپ مەلۇم سوممىغا يەتسە سوۋغا بېرىش قاتارلىق «قوش 11» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنى كېلىپ مەسلىھەت سوراش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن بۇيان، «ۋوجيا» ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۇكانلىرى جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش كىرىمى 170 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش %80تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايوننىڭ سودا تارماقلىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ چىقاردى، بۇ، ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي ئېتىبار ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىنىڭ گۈللىنىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا دۆلەت ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى 101 مىڭ دانە، ئىلتىماس قىلىنغان ياردەم پۇل مەبلىغى 90 مىليون يۈەن بولۇپ، 502 مىليون يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىمۇ 40 مىڭ دانىگە يەتكەن، 25 مىليون 450 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىپ، 220 مىليون يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان.

سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. ئالتاي ۋىلايىتى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، ئاھالىلەرنى زور قولايلىق ۋە ئەمەلىي مەنپەئەت بىلەن تەمىنلىدى. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى پائالىيىتىدە 666 دانە ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، 2 مىليون 450 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى؛ 1234 دانە ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا دۆلەت ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، 4 مىليون 755 مىڭ 500 يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى.

سانجى شەھىرىدىكى تيەنماۋ يوۋپىن ئېلېكتىر سايمانلىرى سانجى ياجۇڭ يوۋيوۋجيا تۇرمۇش سارىيى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، بىر قاتار ئېتىبار بېرىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، خېرىدارلار سانى ۋە سودا مىقدارى كۈندىن - كۈنگە ئاشتى. بۇ دۇكاننىڭ دۇكان باشلىقى گاۋ يەنيىڭ مۇنداق دېدى: «<قوش 11> مال سېتىۋېلىش بايرىمى مەزگىلىدە، خېرىدارلار سانى ۋە سېتىلىش مىقدارى %80 ئاشتى. بىز خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارغا جاۋاب قايتۇرىمىز».

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر يەنە «ئالتۇن 9 - ئاي، كۈمۈش 10 - ئاي» ئىستېمال ئاۋات مەزگىلى، «قوش 11» قاتارلىق مۇھىم ئىستېمال تۈگۈنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)لىق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جيەنفاڭ مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك باش تېمىلىق ماركېتىڭ، ئېتىبار باھادا كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، ئىستېمالنى يېتەكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى پائالىيىتى ۋە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

يېشىل ئېنېرگىيە كۈچ قوشتى

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشكە ئايلاندى

11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ ئۈرۈمچى دوستلۇق شىمالىي يولى بايراقدار دۇكىنىدا «قوش 11»لىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەت بەلگىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. دۇكانغا كىرسە، ئاۋازلىق ھەمتۈرتكە بولىدىغان توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى.

ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن شەخسىي تاماق تىزىملىكى بېكىتەلەيدىغان توڭلاتقۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. بۇ توڭلاتقۇنى تاللاپ سېتىۋېلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چىن يىفەن مۇنداق دېدى: بۇ توڭلاتقۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى مودا بولۇپلا قالماي، ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىكەن، ياشانغانلار ۋە بالىلار بار ئائىلىلەرگە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن.

شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يېجى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ دەۋر ئالمىشىشى بەلگىلىك دەرىجىدە «سۈپەت ئارقىلىق مىقدار ئاشۇرۇلۇپ» كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يېقىندا تەخمىنەن %90 ئىستېمالچى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشنى تاللىدى.

«قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ شىركىتىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %127 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %360 ئاشتى، تېلېۋىزور تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81 ئاشتى، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشتى، ئاشخانا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.5 ئاشتى، كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %130 ئاشتى. دۇكانلاردىكى خېرىدارلار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %170 ئاشتى، خېرىدارلار ئوتتۇرىچە سودا سوممىسى، سېتىۋالغان نەرسە سانىدا بىردەك يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، دۆلەتنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ياردەم پۇلى ئېلىشقا قاتناشقان خېرىدارلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %92 بولدى.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرى بىر مەيدان يېشىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋالدى. بۇ بىر مەيدان ئۆزگىرىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار ھەقىقىي ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، پەن - تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە راھەتنى تېخىمۇ ھېس قىلدى.

ۋاڭ يېجى مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئىستېمالچى ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارى ۋە لايىھەسى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى.

خەيئېر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى بىرىنچى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە ئىگە مەھسۇلاتلارغا قارىتا «يۇقىرى چەك قويماسلىق» ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويدى. مەملىكەتلىك خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى خۇي خۇڭمېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تەدبىر نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، يەنە خەيئېر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مىقدارىنىڭ زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا %30 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى شاللاش سۈرئىتىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشقا قاراپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

«ئىلگىرى ئىشلەتكەن توڭلاتقۇمىز كونا پاسوندا بولۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، شاۋقۇنى كۈچلۈك ئىدى.» ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ئايگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھازىر ھۆكۈمەت كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، شۇڭا ئەقلىي ئىقتىدارلىق توڭلاتقۇغا ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم. يېڭى توڭلاتقۇنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، شاۋقۇنى ئاجىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش، يىراقتىن كونترول قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن قولايلىق.

شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭ مۇنداق قارىدى: ئىستېمال نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى شاللاش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشقا قاراپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىستېمال بازىرىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

توسۇق نۇقتىلار ئېچىلدى

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلاشنىڭ ئىستېمال دەۋرىيلىكى راۋانلاشتى

«بۇ توڭلاتقۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى كۆپ يىل بولدى، ھازىر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرساق ياردەم پۇل بار، بۇ دەل ئالماشتۇرىدىغان ياخشى ۋاقىت.» يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى زوۋ شياۋيى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت بۇلغىمايدىغان توڭلاتقۇدىن بىرنى تاللىغاندىن كېيىن، پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭى توڭلاتقۇنى سېتىۋالدى ۋە كونا توڭلاتقۇنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

«ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنى تاللىغان كۈنى خىزمەتچى خادىملار ئۆيۈمگە كېلىپ <يېڭىسىنى ئەكېلىپ كونىسىنى ئېلىپ كەتتى>، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلدۇم، ئۆيدىكى شاللىۋېتىلگەن كونا ئېلېكتىر سايمانلىرىمۇ <رولى>نى جارى قىلدۇرالايدىغان بولدى» دېدى زوۋ شياۋيى.

مۇخبىر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تەرتىپى، مەشغۇلاتىنىڭ قولايلىق، ئېتىبار بېرىش سالمىقىنىڭ زور بولۇشىدىن باشقا، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىش باھاسى ۋە ئۆيگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنىڭ ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

كېرەكسىز، كونا مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى مۇھىم ھالقا. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش زەنجىرى يەنىمۇ راۋانلاشتى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا، يەنىلا بىر قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئارزۇسى كۈچلۈك ئەمەس، ئۇلار كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ قاراپ ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، قايتا پايدىلىنىش ھالقىسىدا، تېخنىك خادىملار كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋالغاندا كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلەش، سۆكۈش، يۆتكەش، چۇۋۇپ پارچىلاش، زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى پارچە سېتىش دۇكىنى «ئەندىشىسىز يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، بۇ، ئۆيگە ھەقسىز ئاپىرىپ بېرىش، ھەقسىز سۆكۈش، ھەقسىز يۆتكەش، كونىسىنى ئېلىپ كېتىپ يېڭىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى پارچە سېتىش دۇكانلىرى يولغا قويغان، ئۆيگە ھەقسىز ئاپىرىپ بېرىش، ھەقسىز سۆكۈش، ھەقسىز يۆتكەش، كونىسىنى ئېلىپ كېتىپ يېڭىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەندىشىسىز يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مۇلازىمىتى ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. يېڭىسىنى سېتىش بىلەن كونىسىنى يىغىۋېلىش بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىپ، ئىستېمالچىلارنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا تېخىمۇ قولايلىق بولۇش، تەسىراتى تېخىمۇ ياخشى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خۇي خۇڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: خەيئېر گۇرۇھى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك سېتىش سودىگەرلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، خېرىدارلارغا يېقىنلاشتۇرۇپ، خېرىدارنىڭ يېڭى مەھسۇلات سېتىۋېلىشى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىن ئورنىتىشقىچە بولغان نۇرغۇن تەرتىپتە، سېتىش - مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى «بىر قېتىمدىلا ئەمەلىيلىشىش»تەك ئىنتايىن تېز سۈرئەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 16 تارماق بىلەن بىرلىكتە «ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىپ ئايلانما پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش + يىغىۋېلىش» سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش سالاھىيىتى بار كارخانىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەنە مەركەز مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش تور سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش، يىغىش - تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش تەرتىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ياردەم پۇل مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئىستېمالچىلارغا ئاجرىتىپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت، كارخانا، بانكىلار ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ئېتىبار بېرىش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.