تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ماھىرى زاكىر ياقۇپ: ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ SS1 مۇسابىقە بۆلىكىدە غەلىبە قىلدىم، ئىككىنچى بولغان ماھىر بىلەن پەقەت بىر سېكۇنت پەرقلەندىم

   11-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2024 شىنجاڭ . تۇرپان 13- نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى 1- مۇسابىقە بۆلىكى (SS1)دىكى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسىدىكى شور تۇز ئارىشىڭىدىن باشلىنىپ، پىچان ناھىيەسى دىغار بازىرى دىغار كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 210 كىلومېتىر. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 90دىن ئارتۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرى كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. قارادۆۋە داخەيداۋ موتوسىكلىت ئەترىتىدىن كەلگەن زاكىر ياقۇپ 32 مىنۇت 09 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن بۇ مۇسابىقە بۆلىكىدە بىرىنچى بولدى.

   مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، زاكىر ياقۇپ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقىنىڭ پەقەت بىر سېكۇنتلا ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ياش ماھىرلارنىڭ موتوسىكلىتنى بارغانسېرى ياخشى مىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى راللى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇخبىر: گاۋ يۈگاڭ

نازارەتچى: شۆ جىڭ، يۈ لېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.