تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇ كىشىلەر ھەقسىز ساياھەت قىلسا بولىدۇ!

     مەنبە: شىنجاڭ ياخشى جاي

10-ئاينىڭ 31-كۈنى 

ئالتاي ۋىلايەتلىك

  مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى

  «قار-مۇز شەھىرى خەلقىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى

  كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  قار-مۇز بولمىسا قىش ھېسابلانمايدۇ. ئالتاي «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» ۋە «جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى» دەپ ئاتالغان، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش» نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە قار-مۇز تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئاممىۋى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن رايون دائىرىسىدە قار-مۇز شەھىرى خەلقىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. كونكرېت ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، پائالىيەت ۋاقتى

  (1) قار تېيىلىش مەيدانلىرى. 2025 __ 2024-يىللىق قار پەسلى. (يېڭى يىللىق دەم ئېلىش كۈنى بۇنىڭ سىرتىدا، باھار بايرىمى يۇقىرى پەللە مەزگىلى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا)، (كونكرېت تىجارەت ۋاقتىدا ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

  (2) A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى. 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.

  ئىككىنچى، پائالىيەتنى يولغا قويۇش سۇبيېكتى

  (1) قار تېيىلىش مەيدانى: جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، كۆكتوقاي قار تېيىلىش مەيدانى، جىكپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانى.

  (2) A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى: قاناس مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسى دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونى، قابا ناھىيەسى ئاق قېيىن مەنزىرە رايونى، جېمىنەي ناھىيەسى يايلاق تاش شەھىرى مەنزىرە رايونى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى.

  ئۈچىنچى، پائالىيەتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى

  ئالتاي ۋىلايىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەر مىللەت ئامما كىملىك، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى قاتارلىق كىنىشكىلىرى ئارقىلىق سالاھىيىتىنى دەلىللىسە بولىدۇ.

  تۆتىنچى، پائالىيەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى

  (1) قار تېيىلىش مەيدانى

  جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، كۆكتوقاي قار تېيىلىش مەيدانى، جىكپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانىدا پرىنسىپ جەھەتتە ھەر كۈنى 400 ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ (سۇغۇرتا سېتىۋېلىشى كېرەك، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈكى 10 يۈەن ياكى بىر ئادەمنىڭ بىر يىللىقى 100 يۈەن)؛ جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر كۈنى 600 ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ (سۇغۇرتا سېتىۋېلىشى كېرەك، بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈكى 10 يۈەن ياكى بىر ئادەمنىڭ بىر يىللىقى 100 يۈەن)، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق پەيتتە ھەق ئېلىنمايدىغان ئادەم سانى كۆپەيتىلىدۇ.

  ئەگەر قار تېيىلىش ئۈسكۈنىسى بولمىسا، ئىجارىگە ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، كونكرېت باھاسى ۋە تىجارەت ۋاقتىدا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئېلان قىلىنغىنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  (2) A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى

  قىش پەسلىدە تىجارەت قىلىدىغان A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، يازلىق سىياسەت ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

  بەشىنچى، پائالىيەتنى يولغا قويۇش تەلىپى

  (1) قار تېيىلىش مەيدانى

  1. ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى. ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش مىقدارى چەكلىك بولغاچقا، ساياھەتچىلەرگە راھەتلىك تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىنى قوشۇۋېلىپ، «ئالدىن كېلىشىش تىزىملىكى»گە ئالاقىدار ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش كېرەك.

  سەمىمىي ئەسكەرتىش: باشقىلارنىڭ ھەقسىز قار تېيىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە بىر كۈن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىش كېرەك، ھەر كۈنى سائەت 22:00گىچە بولغان ۋاقىت ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى. ئەگەر ئالدىن كېلىشىپ قويۇپ نەق مەيدانغا كېلەلمىسە، ئاز دېگەندە بىر كۈن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، بولمىسا بۇ قار پەسلىدىكى ھەقسىز قار تېيىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  ① نوپۇسى ئالتاي ۋىلايىتىدە بولغان يەرلىك ئاھالىلەر ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئالدىن كېلىشىدۇ؛

  ② ئالتايدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار تىزىملىكىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ياكى ئالاقىدار تارماقلار (ئورۇنلار) تەمىنلەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكى ئارقىلىق دەلىللىگەندىن كېيىن قار تېيىلىش كارتىسى بېجىرسە بولىدۇ؛

  ③ ئالتاينىڭ كىملىكى بولمىغانلار سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي ئالتاي ۋىلايىتى بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى (ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكى بىلەن قار تېيىلىش كارتىسى بېجىرسە بولىدۇ؛

  ④ كىملىك تارقاتقان ئورۇن ئالتاي ۋىلايىتى، ئەمما كىملىكنىڭ باش نومۇرى «6543» ياكى «6526» بولمىسا، ئۆز كىملىكىنى ئېلىپ نەق مەيداندا كارتا بېجىرسە بولىدۇ.

  2. ئۆزى بېجىرىش. ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ.

    جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى: ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى A رايونى زالىنىڭ ئالدى سۇپىسىغا بېرىپ قار تېيىلىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ، چىراي ئۇچۇرىنى كىرگۈزسە بولىدۇ.

    كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى: 1900 ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، 2200 قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىنىڭ ئالدى سۇپىسىغا بېرىپ قار تېيىلىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ، چىyi'sراي ئۇچۇرىنى كىرگۈزسە بولىدۇ.

    جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى: غەربىي رايون قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىنىڭ ئالدى سۇپىسىغا بېرىپ قار كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ، چىراي ئۇچۇرىنى كىرگۈزسە بولىدۇ.

  (2) A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى

  قاناس مەنزىرە رايونىدا «يۇەنشىڭۋاڭ» ياكى نەق مەيداندا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرگىلى بولىدۇ. كۆكتوقاي ناھىيەسى دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭ شەھىرى مەنزىرە رايونىدا نەق مەيداندا دەلىللەش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرگىلى بولىدۇ.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى

2024-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

  «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.