مەنبە: شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىخو شەھىرى بەيچۈەن بازىرىدىكى «تيەنفۇلى» تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان 3168 مو يەردىكى ئىنچىكە لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، لازا ئورۇش ماشىنىسى ئېتىزدا ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان، دېھقانلار لازا يىغىش، قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخو شەھىرى ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچى بولۇش ئەندىزىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ ئاز كېتىدىغان، ئۈنۈمى يۇقىرى قاپاق لازا، تاختا لازا، ئىنچىكە لازا قاتارلىق لازا سورتلىرىنى كىرگۈزدى. بۇ يىل لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 21 مىڭ 400 موغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى