11-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرنىڭ غەربىي بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، قىش كىرىشى بىلەن، مەنزىرە رايونى ئىچكى قار تېيىلىش مەيدانى، ئات ئىجارىگە بېرىش رايونى، پىيادە مېڭىش رايونى، ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھى رايونى قاتارلىقلارنى ئېچىۋېتىدىكەن. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
بۇ مەزگىلدە، ئومۇمەن غەربىي بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋالغان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر غەربىي بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىشتىن ياكى قار چەمبىرىكىدىن ئىككى سائەت ھەقسىز بەھرىمەن بولالايدىكەن(يېڭى يىل، باھار بايرىمى بۇنىڭ سىرتىدا). شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېھقانلار ئارامگاھىنى ئالدىن زاكاز قىلىپ ئىستېمال قىلغان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
«مەنزىرە رايونىمىزدىن شارقىراتمىغا ئاتلىق بېرىشنى تاللىغان ساياھەتچىلەر ئات يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەنە ئارىلىق ئاپتوبۇسىغا ھەقسىز ئولتۇرۇپ شارقىراتمىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا بارالايدۇ». غەربىي بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۈكلەي مۇرات مۇنداق دېدى: دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى نوپۇسىدىكى ساياھەتچىلەرمۇ كۈچكە ئىگە كىملىكى بىلەن بېلەت ئالماي مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى