تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شۇاڭخې شەھىرىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسىللىك شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىللىقلىققا تولغان 2024-يىل، جىلغىدا ئۇچرىشىدىغان 2025-يىل —— شۇاڭخې شەھىرىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسىللىك ساياھەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا، تونۇشتۇرغۇچى ھەمبەھرىلىمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

  تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا «مېنى سېغىنسىڭىز شۇاڭخېغا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈڭ» دېگەن ناخشىنىڭ لەرزان مېلودىيەسى ۋە ئېسىل مەدەنىيەت ساياھەت تەشۋىقات فىلىمى كۆرۈرمەنلەرنى شۇاڭخې شەھىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تېخىمۇ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. تونۇشتۇرغۇچىلار شۇ جاينىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مەدەنىيەت مىراسلىرى، مىللەتلەر ئۆرپ-ئادىتى، ساياھەت لىنىيەسى، قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

  مەدەنىيەت ساياھىتىنى تونۇشتۇرغۇچى ياڭ جيەنپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شۇاڭخې شەھىرىدە يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئالا گرانىت تاش شەكىللىك غەلىتە تاشلار توپى — دۆلەتلىك 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى غەلىتە تاش جىلغىسى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 230 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونىدا غەلىتە تاشلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇلار تەبىئىي شەكىللەنگەن، تەبىئەتنىڭ قولىدا ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان. بۇ يەردە يەنە ئېبنۇر كۆلى بار بولۇپ، ئونمىڭلىغان قۇش بىللە پەرۋاز قىلغان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئېچىش پىلانلانماقتا، ئەتراپىدىكى شارشىل ئاتچىلىق كەسىپلەر باغچىسى بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا سىرتقا قارىتا تىجارەت باشلىدى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى جىفاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شۇاڭخې شەھىرى جەمئىي 3 مىليون 520 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.98 ئاشتى؛ جەمئىي ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.69 ئاشتى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.