ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ئۈرۈمچى ناھىيەسى قىشلىق قار-مۇز ساياھەت ئىستېمالى قىزغىنلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرگە يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئېتىبار بېلىتىدىن 100 مىڭنى تارقىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە «قىشتىكى ئاجايىپ ساياھەت»نى باشلاشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.
11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قونالغۇ، يېمەك-ئىچمەك توپ ۋە پارچە سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 800دىن ئارتۇق نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى كارخانىدا قىلغان بىر قېتىملىق ئىستېمالى 111.1 يۈەندىن ئاشسا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئېتىبار بېلىتىدىن بىرگە ئېرىشەلەيدۇ.
بېلەتكە ئېرىشكەن ئىستېمالچىلار 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى رايونىدىكى قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدا بېلەت باھاسىدا %50تىن %60كىچە بولغان ئېتىباردىن (يەككە ئېتىبار بېلىتىنى بىر ئادەملا ئىشلىتەلەيدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)، بىر قىسىم خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا %50تىن %70كىچە بولغان ئېتىباردىن، بىر قىسىم دېھقانلار، چارۋىچىلار ئارامگاھىدا يېمەك-ئىچمەكتە %80تىن %90كىچە بولغان ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
تىيانشان چوڭ جىلغىسى، نەنسەن دېڭىز دۇنياسى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى، يىپەك يولى دالا ئىسىتىراھەت رايونى، بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانى، تىيانشان كىچىك جىلغىسى، ۋۇكېسۇڭ قار تېيىلىش مەيدانى، يىنفېڭ قار تېيىلىش مەيدانى، ياڭگۇاڭ قار تېيىلىش مەيدانى، 26 ئائىلىۋى مېھمانخانا، 29 يېمەك-ئىچمەك سورۇنى قاتارلىقلار پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
نەنسەن دېڭىز دۇنياسى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى نەنخې يولى شيەنلەي بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇ جاينىڭ مەسئۇلى يەن تىڭۋېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئېتىبار بېلىتىدە چوڭلار بېلەت باھاسىدا %50لىك ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنى 60 يۈەن (ئەسلىي باھاسى 120 يۈەن)؛ بالىلار بېلەت باھاسىدا %50لىك ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنى 40 يۈەن (ئەسلىي باھاسى 80 يۈەن)، بۇ ھەرقايسى چوڭ تور سۇپىلىرىنىڭ كوللېكتىپ سېتىۋېلىش باھاسىدىنمۇ ئەرزان، ئېتىبار بېلىتىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى