شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن «مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:
بىرىنچى، 2 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىغا «(2) باھار بايرىمىدا تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە)» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 4 - تارمىقىغا «(4) ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (5 - ئاينىڭ 1 -، 2 - كۈنلىرى)» دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
ئىككىنچى، بىر ماددا قوشۇلۇپ، 7 - ماددا قىلىندى: «بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىرتۇتاش دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشنى تەڭشەشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، بىرقەدەر ئۇزاق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئەمەلىي شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئادەتتە ئالتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ».
بۇنىڭدىن باشقا، ماددىلارنىڭ تەرتىپى ۋە ئايرىم خەتلەر مۇناسىپ تەڭشەلدى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
بۇ قارار 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قايتا ئېلان قىلىندى.
مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى
(1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى ئېلان قىلغان، 1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1 - قېتىم ئۆزگەرتىلدى، 2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2 - قېتىم ئۆزگەرتىلدى، 2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 3 - قېتىم ئۆزگەرتىلدى، 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 4 - قېتىم ئۆزگەرتىلدى)
1 - ماددا مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايراملار:
(1) يېڭى يىل، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)؛
(2) باھار بايرىمى، تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە)؛
(3) چىڭمىڭ بايرىمى، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە چىڭمىڭ كۈنى)؛
(4) ئەمگەكچىلەر بايرىمى، ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (5 - ئاينىڭ 1 - ، 2 - كۈنلىرى)؛
(5) دۇەنۋۇ بايرىمى، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە دۇەنۋۇ كۈنى)؛
(6) جۇڭچيۇ بايرىمى، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە جۇڭچيۇ كۈنى)؛
(7) دۆلەت بايرىمى، ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە).
3 - ماددا قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەر:
(1) ئاياللار بايرىمى (3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى)، ئاياللار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛
(2) ياشلار بايرىمى (5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى)، 14 ياشتىن يۇقىرى ياشلار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛
(3) بالىلار بايرىمى (6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)، 14 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈرلەر - بالىلار بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛
(4) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى (8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
4 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت بايراملىرىدا، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنىنى بەلگىلەيدۇ.
5 - ماددا 7 - فېۋرال خاتىرە كۈنى، 30 - ماي خاتىرە كۈنى، 7 - ئىيۇل ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە كۈنى، 3 - سېنتەبىر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىق خاتىرە كۈنى، 18 - سېنتەبىر خاتىرە كۈنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، سېسترالار بايرىمى، مۇخبىرلار بايرىمى، كۆچەت تىكىش بايرىمى قاتارلىق باشقا بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدە بىردەك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلمەيدۇ.
6 - ماددا بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، خىزمەت كۈنىدە تولۇقلاپ دەم ئېلىشى كېرەك. قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، دەم ئېلىش تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ.
7 - ماددا بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىرتۇتاش دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشنى تەڭشەشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، بىرقەدەر ئۇزاق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئەمەلىي شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقىت ئادەتتە ئالتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
8 - ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.