تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقىل كېۋەزلىكتىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، ۋاڭ لىخۇا

بىر يىللىق مول ھوسۇل پەسلى يەنە كەلدى. بۇ يىل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى 3000 مولۇق «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. 3000 مولۇق كېۋەزلىك ئىچىدە، ئىنچىكە تالالىق پاختا تېرىلغۇ كۆلىمى 2332 مو، سىناق ئېتىز كۆلىمى 668 مو. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىنچىكە تالالىق پاختىنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 1233.95 توننىغا يېتىپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 529 كىلوگىرام بولدى.

2021 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، پەقەت ئىككى ئادەم پۈتۈن جەريانلىق پەرۋىش قىلغان، باشقا ھېچقانداق ئادەم كۈچى ئىشلىتىلمىگەن بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلىدا يىلمۇيىل يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ بۇ يىل، ئۇنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز ئېتىزى سەۋىيەسىگە يەتتى.

مول ھوسۇل كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، مول ھوسۇلنىڭ ئارقىسىدىكى «پەن - تېخنىكا شىفىرى» كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.

تۆت يىللىق سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھەيران قالدۇردى

«دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نى پەرۋىش قىلىشقا بايىنغولىن ئوبلاستى جىفېي يېزا ئىگىلىك ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بايىنغولىن ئوبلاستى جىفېي شىركىتى» دېيىلدى)دىكى ئەزەلدىن يەر تېرىپ باقمىغان، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ئىككى يىگىت ئەي خەيپېڭ بىلەن لىڭ لېي مەسئۇل بولغانىدى.

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جاسارەتكە تولغان ئىككى ياش ئەينى يىلى «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە ئىش باشلىغانلىق ھېكايىسىنى ئەسلىدى −

2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى جىفېي شىركىتى لوپنۇر ناھىيەسىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» تۈرى بويىچە ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان، رەقەملەشكەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى تىرەك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، يېزا ئىگىلىكى نەرسە تورى ۋە ئاقىل يېزا ئىگىلىكى پەرۋىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئادەمسىز كېۋەزلىك دېھقانچىلىق مەيدانى تۈرىنى رەسمىي يولغا قويدى.

ئەمما ئەينى چاغدا، بۇ تۈرنى كۆپ ساندىكى پاختىكارلار چۈشەنمەيتتى. «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» تۈرىنى يولغا قويۇشنى باشلاش يىغىنىدا، بىر پېشقەدەم پاختىكار ھەتتا زىيارەت تېلېكامېراسىغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئېتىز ئىشى ئادەمدىن ئايرىلالمايدۇ. پۈتۈنلەي ماشىنىغا تايىنىپ يەر تېرىمدىكەن؟ بۇ پۈتۈنلەي جۆيلۈگەنلىك!» دېگەنىدى.

قىلغىلى بولامدۇ - بولمامدۇ؟ بۇ بىر خىرىس ئىدى.

2021 - يىلى «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ 1 - پەسلى، بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغاچقا، كېۋەزلىكنىڭ يىغىۋېلىشقا بولىدىغان كۆلىمى ئاران %50 ئەتراپىدا بولۇپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 254 كىلوگىرام بولدى. 2022 - يىلى، باجوۋ جىفېي مايسا مەزگىلىدە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ھەم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تېخنىكىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يولغا قويغاچقا، يىغىۋېلىشقا بولىدىغان كۆلەم %100كە يېتىپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 403.6 كىلوگىرام بولدى. شۇ يىلى يېڭى پاختىنىڭ مىكرونەئىر قىممىتى (پاختا تالاسىنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسى ۋە پىشىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچ) بىردەك A دەرىجىگە يەتتى، تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئۆلچىمىگە يەتتى.

2023 - يىلى، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» 5 - ئايدا ئاز كۆرۈلىدىغان قار ئۇچقۇنىغا ئۇچراپ، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۈششۈپ قۇرۇپ كېتىپ، 1500 مو يەردىكى كېۋەز قايتا تېرىلدى. قايتا تېرىغاندىن كېيىن، پەرۋىش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، باجوۋ جىفېي نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەڭشىدى، ئاخىرىدا بارلىق يەرلەردە يىغىش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ئومۇمىي ھوسۇلى 1191 توننىغا، مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 420.9 كىلوگىرامغا يەتتى.

ئۇدا بىرنەچچە يىلدا، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» كىشىنى رازى قىلىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ئەي خەيپېڭ مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەر يېڭى پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن كەلدى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ پەن - تېخنىكىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. ھەر يىلى ئەتىيازدا ئېتىزغا بارغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى: يەنە ماشىنىلارنى <زورلاپ> ئەمگەككە سالىدىغان بولدۇق، دەپ چاقچاق قىلىدۇ.» «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» ئەندىزىسىدىن مەنپەئەتلەنگەن لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى سۈي يۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلىدىكى ھېلىقى پېشقەدەم پاختىكارمۇ قارىشىنى ئاللىبۇرۇن ئۆزگەرتتى. سىز ئۇنىڭ ئېتىز بېشىغا بېرىپ قاراپ بېقىڭ، يىل بويى ئادەم كۆرۈنمەيدۇ، ماشىنىلار ئالدىراش يۈرۈيدۇ».

ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز

شۇنداقلا قارىسا، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ يەر تېرىيدىغان، نەرسە تورى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئىككى يىگىت يەرنى ناھايىتى ئاسان تېرىيدۇ. كېۋەزلىكنى سۇغارغاندا، ئوغۇتلىغاندا، باشقا پاختىكارلار ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلىسە، ئۇلار ئىككىسى ئۆيدە خوگو يەپ، بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن تاختا كومپيۇتېر ياكى يان تېلېفوندىكىAPPنى چېكىپلا ئىشنى تۈگىتىدىكەن. دورا چېچىپ ھاشارات يوقاتقاندا، باشقىلار ئېتىزلىرىدا ماشىنىلارنى گۈرۈلدىتىپ ھەيدەپ، دورا پۈركۈش بىلەن ئالدىراش يۈرسە، ئۇلار ئىككىسى يان تېلېفوندا بۇيرۇق يوللىسىلا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئاپتوماتىك ئۇچۇپ، ئاپتوماتىك دورا چېچىپ، ئاپتوماتىك قايتىپ كېلىدىكەن.

يەر تېرىشمۇ خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەك ناھايىتى ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ.

ئەمما بۇ ئاساندەك كۆرۈنىدىغان يۈزەكى كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈك پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ تىرىكى ۋە ئىككى يىگىتنىڭ جاپالىق ئەجرى بار. ئەي خەيپېڭ بىلەن لىڭ لېينىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ: ماشىنىنى تەڭشەپ سىناش، سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش، ئۈنۈمنى باھالاش... جىسمانىي ئەمگەك ئازايغان بولسىمۇ، ئەقلىي ئەمگەك شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تېخىمۇ كۆپەيدى.

ئەنئەنىۋى ئېتىز پەرۋىشىدىن پەرقلىنىدىغىنى شۇكى، ئاقىل ئېتىز پەرۋىشى ئېلىپ بېرىشتا، كېۋەزنى تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىۋېلىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ نىشانلارغا يېتىشتە تايانغىنى ئىزدىنىش، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئەڭ كۈچلۈك تېخنىكا بولدى.

«دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» يولغا قويۇلغان 1 - يىلى، 2 - يىلى، ئەي خەيپېڭ بىلەن لىڭ لېينىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بىرىنچى سەپتىن مەسىلىنى بايقاش ھەم شىركەت باش ئىشتابى − گۇاڭجوۋ جىفېي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جىفېي پەن - تېخنىكىسى» دېيىلدى)نى چاقىرىپ، دەل جايىدا بولغان ھەل قىلىش لايىھەلىرىگە ۋاقتىدا ئېرىشىش بولدى.

جىفېي پەن - تېخنىكىسىنىڭ بىر ماتېرىيالىدا، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە تۆت يىلدىن بۇيان تەدرىجىي دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ۋە يولغا قويۇلغان ئالتە تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى يىغىنچاقلاپ بايان قىلىنغان: «كېۋەز بىلەن بۇغداينى ئايرىپ تېرىش» تېخنىكىسى كېۋەز مايسىلىرىنى بوراندىن مۇداپىئە قىلىدۇ؛ «قۇرۇق تېرىپ ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ تەكشى، رەتلىك مايسا چىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ پۈتۈن مۇساپىلىك ئۇچۇپ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، مۇددەتتىن بۇرۇن دورا چېچىپ ئالدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ياۋا ئوت - چۆپ باسقان رايوننى پەرقلەندۈرۈپ، مەشغۇلات خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ يىراقتىن سېزىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى ئاساس قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەڭشەش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق، بىر كۈندىلا 3000 مو كېۋەزلىكتىكى بارلىق كېۋەز تۈپىنىڭ ئېگىزلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى تاماملاپ، مول ھوسۇللۇق كېۋەز تۈپى تىپى بەرپا قىلىشنى تەڭشەش - تىزگىنلەش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى بىر كونۇپكا بىلەن سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىجرا قىلىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىدە زور يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تېرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى...

«بىر يۈرۈش <بىرىكمە مۇشت>نى ئېتىش ئارقىلىق، ھەربىر تۈپ كېۋەز مايسىسى كېۋەز تۈپىنىڭ سانلىق مەلۇماتى خاتىرىلەندى، ھەربىر پارچە يەرنى دەل جايىدا پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچى» دېدى ئەي خەيپېڭ.

«دەرىجىدىن تاشقىرى تەجرىبە»نى كۆپەيتىشكە بولىدۇ

«دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى تەجرىبە»نى بارلىققا كەلتۈردى.

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «مۇھىت ساغلاملىقى يەرشارىۋى باشلىقلار يىغىنى»دا، جىفېي پەن - تېخنىكىسىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى گۇڭ جياچىن «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نى ئەمەلىي مىسال قىلىپ، توردا ئېتىزلارنى رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشتىكى جۇڭگو تەجرىبىسىنى ھەمبەھرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «<دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك> ئۈستىدە ئىككى يىل ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جىفېي ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، ئادەمسىز باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تامامەن يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى قەدەممۇقەدەم ئىسپاتلىدۇق».

«<دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك>نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يېڭى تەجرىبىگە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن بولدى: ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ماھىيەتتە بىر خىل يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق شەكلى بولۇپ، بىر يۇمشاق ماتېرىيال تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى بىر يۈرۈش ئېكولوگىيە سىستېمىسى، بىر خىل يېڭى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن ئىبارەت» دېدى جىفېي پەن - تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش لىدىرى پېڭ بىن.

ھازىر، رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. شىنجاڭدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئېتىزلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، بېيدوۋ يول باشلاپ تۈجۈپىلەپ تېرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش كەڭ قوللىنىلدى، تېرىش، ئۈزۈش، يىغىۋېلىش پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يىلمۇيىل ئۆستى. ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ پاختىچىلىقىدا ئەسلىھەلەر ئەۋزەللىكى توپلاشقان، ئۆزگىچە تېخنىكىغا ئىگە بولغان، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىر يۈرۈش تېرىقچىلىق يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى، شىنجاڭدا كېۋەز يېرىنى ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %97كە يەتتى، پاختىنى ئوتتۇرىچە ساپ يىغىۋېلىش نىسبىتى %95كە يەتتى.

پېڭ بىن مۇنداق قارىدى: «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، شىنجاڭ پاختىچىلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزلىنىشى ۋە ئەۋزەللىكى ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى قىلىنىپ، پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان شىنجاڭ «رەقەملىك» پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگىسى يارىتىلدى.

شىنجاڭدا، نۇرغۇن جاي «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ ئادەمسىز باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە تەجرىبىسىنى كۆپەيتتى.

باجوۋ جىفېي شۇ جايدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېڭى ئەندىزىنى كۆپەيتكەندىن كېيىنكى ئىقتىدار - باھا نىسبىتىنى مۆلچەرلەپ ھېسابلاپ چىققان: 2023 - يىلى، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 1932 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى 418 كىلوگىرام بولغان. كۆپەيتكەندىن كېيىن، مو بېشى تەننەرخى 2196 يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىدىكى ئەنئەنىۋى ئەندىزىگە سېلىشتۇرغاندا %12.7 تۆۋەنلىگەن؛ ئادەم كۈچى تەننەرخى ھەر مو يەرنىڭ 170 يۈەن ئازايغان بولۇپ، 2022 - يىلىدىكى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا %34.7 تۆۋەنلىگەن؛ سۇ، توك ھەققى ھەر مو يەرنىڭ 100 يۈەن تۆۋەنلەپ، 2022 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %22.3 تۆۋەنلىگەن؛ دېھقانچىلىق دورىسى ھەققى ھەر مو يەردىن 20 يۈەن تېجەپ قېلىنغان بولۇپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %20 تۆۋەنلىگەن. «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تىكى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى كېتىدىغان خىراجەت يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

لوپنۇر ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان يېزا ئىگىلىك يېڭى پەن - تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %98.7كە يەتتى. لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن شيەنفېي مۇنداق بىلدۈردى: «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» يېڭى ئەندىزىسى شىنجاڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، لوپنۇر ناھىيەسى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

«بىز كارخانا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، <دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك> تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى پېڭ بىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.