تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قىزىق نۇقتا

ئاپتوموبىل سېتىۋالسىڭىز «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ! مۇخبىر 4S دۇكىنىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

   كونا ئاپتوموبىلىڭىز بولسا غەم قىلماڭ، «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتىدىن خەۋەردار بولۇڭ. 

   ئالدىنقى يېرىم يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغان ھەم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا 10 مىڭ يۈەن ياكى 7000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلىدى. 

   7 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024 - يىللىق ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە نامىدىكى ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا قارىتا، شىنجاڭدا يېڭىدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا 18 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى، يېڭىدىن ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالسا 13 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى (يۇقىرىدىكىلەر بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى بولۇپ، ياردەم پۇلى مەبلىغى ئىشلىتىلىپ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ)نى ئايدىڭلاشتۇردى.

   مۇخبىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنىغا كىرىپ، كۆپچىلىكنى «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى ئاستىدا ئاپتوموبىلنى قانداق سېتىۋېلىش توغرىسىدا نەق مەيداندا چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. 

   سېنارىست ۋە رېژىسسور، سۈرەتكە ئالغۇچى، ئىشلىگۈچى: ئارمان رازاق 

   نازارەت قىلغۇچى: شۆ جىڭ، لى خۇڭيەن 

   مەسئۇل مۇھەررىر: ليۇ شىنساۋ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.