تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «شياڭيۈن» ناملىق AS700 ئادەملىك ھاۋا كېمىسى سودا تىجارىتىنى باشلايدۇ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «شياڭيۈن» ناملىق AS700 ئادەملىك ھاۋا كېمىسى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان 

تولۇق مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يېڭى تىپتىكى يۇمشاق، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان ھاۋا كېمىسى بولۇپ

2024-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى باشلانغان تۇنجى كۈنىدە

AS700  ئادەملىك ھاۋا كېمىسىدىن يەنە 10 نى سېتىۋېلىش زاكاز تالونى قوشۇلدى 

بۇنىڭ بىلەن، ھاۋا كېمىسى سېتىۋېلىش زاكاز تالونى جەمئىي 23كە يەتتى 

نۆۋەتتە تۇنجى ھاۋا كېمىسى خېرىدارغا ئالدىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى

بۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئادەملىك ھاۋا كېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىسپات ئېلىش، تاپشۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلۇپ

پات ئارىدا سودا تىجارىتى باشلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ 

ئادەملىك ھاۋا كېمىسى بىر خىل يېڭى تىپتىكى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئاۋىياتسىيە جابدۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن 

دۆلىتىمىزنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادىدا يېڭى مۇسابىقە يولىنى كېڭەيتىش، يېڭى كەسىپ ھالىتى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ 

مۇخبىر: گۇ تيەنچېڭ، ۋاڭ خاۋمىڭ 

لايىھەلىگۈچى: يىن يىرۇ 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى ئاخبارات تەھرىر بۆلۈمى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ گۇاڭدۇڭ شۆبىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.