تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2025-يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كالىندارى! بىلىۋېلىڭ ←

    گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2025-يىلىدىكى قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2024-يىلى 11-ئايدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «مەملىكەت بويىچە بايرام، دەم ئېلىش ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە ئاساسەن، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىككى كۈن كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باھار بايرىمىلىق، ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى بىر كۈندىن كۆپەيتىلىدۇ. 

    ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا، باھار بايرىمىدا دېھقانلار كالىندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسىدىن باشلاپ سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دۆلەت بايرىمىدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يېڭى يىل، چىڭمىڭ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەم ئېلىش كۈنى تەڭشىلىدۇ ياكى ئۇدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ(ئەگەر چارشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە شۇ كۈنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ)، دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش كۈنىگە ئەگەر جوڭچيۇ بايرىمى توغرا كېلىپ قالسا، بىرلەشتۈرۈلۈپ سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 

   2025-يىلى قايسى كۈنلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى قانداق تەڭشىلىدۇ؟ سۈرەتكە قاراپ بىلىۋېلىڭ. 

     «مەملىكەت بويىچە بايرام، دەم ئېلىش ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە ئاساسەن: 

    بارلىق پۇقرالارنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغان بايراملار:

     يېڭى يىلدا بىر كۈن(1-ئاينىڭ 1-كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    باھار بايرىمىدا تۆت كۈن(دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھارپا كۈنى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    چىڭمىڭ بايرىمىدا بىر كۈن(دېھقانلار كالىندارى بويىچە چىڭمىڭ بايرىمى كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىككى كۈن(5-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    دۇەنۋۇ بايرىمىدا بىر كۈن(دېھقانلار كالېندارى بويىچە دۇەنۋۇ بايرىمى كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    جۇڭچيۇ بايرىمىدا بىر كۈن(دېھقانلار كالېندارى بويىچە جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    دۆلەت بايرىمىدا ئۈچ كۈن(10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

    ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە توغرا كەلسە، خىزمەت كۈنىدە دەم ئېلىش تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. 

   بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىر تۇتاش دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي بىر قەدەر ئۇزاق دەم ئېلىش ۋاقتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇدا ئىشلەش ۋاقتى ئادەتتە ئالتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 

    بىر قىسىم پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرى:

    ئاياللار بايرىمى(3-ئاينىڭ 8-كۈنى)، ئاياللار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

     ياشلار بايرىمى(5-ئاينىڭ 4-كۈنى)، 14 ياشتىن ئاشقان ياشلار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

     بالىلار بايرىمى(6-ئاينىڭ 1-كۈنى)، 14 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈرلەر-بالىلار بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 

     جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى(8-ئاينىڭ 1-كۈنى)، رەسمىي ھەربىيلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 

      ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا، دەم ئېلىش تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ. 

    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن بايراملىرى: 

   ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنىنى بەلگىلەيدۇ. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.