11-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 9غىچە، قۇيۇق تۇماننىڭ تەسىرىدە جياڭسۇ، خېبىي، خېنەن، سەنشى، شەندۇڭدا 21 يول بۆلىكى تاقالدى، 357 ھەق ئېلىش پونكىتى ئايرىم تاقالدى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتە قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەرلەندى.
بۇنىڭدىن باشقا، قار ۋە مۇز تۇتۇشنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا ئىككى يول بۆلىكى تاقالدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، خېيلۇڭجياڭدا 27 ھەق ئېلىش پونكىتى ئايرىم تاقالدى، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلمىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتى ئېلان قىلغان يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، G219 لىنىيەسى (قەشقەر شەرقىي لىنىيەسى) K161 + 611- K200 + 000 (تېرەك يېزىسىدىن ئەلامان ئاچا يول ئېغىزىغىچە) يول بۆلىكىدە قار يېغىپ، يوللارنى مۇز تۇتۇپ كەتكەچكە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلمىدى. S232 لىنىيەسى (قاناس-بۇرچىن لىنىيەسى ) K33 + 600-K72 + 000 (جيادېڭيۈدىن خېيليۇتەن تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە) يول بۆلىكىدە، يول مۇز تۇتۇپ كەتكەچكە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلمىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى