بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 29 كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى جەمئىي 200 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 29 كۈن بۇرۇن 200 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئاشقان.
بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىپ، كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يۈك تىرانسپورتىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.
تىرانسپورت كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يول ئىقتىدارى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ لەنجوۋ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتنىشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى «بىر شەھەردىكى ئىككى بېكەت»ىدە يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېرىش ـ كېلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى تۈگۈن رايونىدىكى يولۇچىلار پويىزى ۋە يۈك پويىزىنىڭ ئوخشاش سۈرئەتتە قاتنىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ شەرقىي جۇڭغارنىڭ شىمالى، جياڭجۈنمياۋ رايونىدىكى كۆمۈرنى جياڭجۈنمياۋ ـ نوم تۆمۈريولى، خۇڭليۇخې ـ نوم تۆمۈريولى ئارقىلىق توشۇشقا تەشكىللەپ، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يول ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۈك پويىزىنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ، يەككە كۈندىكى قاتناش ئىقتىدارىنى 26 قېتىمدىن 39 قېتىمغا ئاشۇردى. يولۇچىلار پويىزى شەكلىدە قاتنايدىغان كۆمۈر ئايلانما پويىزىنى كۆپەيتىپ، يەككە كۈندىكى قاتناشنى 22 جۈپتىن 30 جۈپكە كۆپەيتتى.
يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تونناژىنى ئاشۇرۇش پۇختا يولغا قويۇلۇپ، توشۇش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جىڭ ـ قورغاس، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدىكى يۈك پويىزىنىڭ سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ 90 كىلومېتىرغا يەتكۈزگەندىن كېيىنكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۈك پويىزلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سائەتلىك سۈرئىتىنى 47 كىلومېتىرغا يەتكۈزدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى. پويىز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدە دائىملىق قاتنايدىغان 10 مىڭ توننىلىق پويىز 900دىن كۆپرەككە يەتتى.
زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، يۈك تىرانسپورتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر، نېفىت، مېتاللورگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق كارخانىلاردا تۇرۇشقا خادىم ئەۋەتىپ، خېرىدارلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەشيا ئوبوروتى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» بويىچە 12 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئېشىش مىقدارىنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى دېڭىز ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى نۆۋەتچى پويىزىنى تەشكىللەپ يولغا سېلىپ، شىنجاڭدىن تيەنجىن پورتىغىچە بولغان يۈك توشۇش ۋاقتىنى 77 سائەت ئىچىدە تىزگىنلەپ، شىنجاڭدىن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغىچە بولغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت يولىنى راۋانلاشتۇردى.